يولداش شى جىنپىڭنىڭ «پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش توغرىسىدا» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2023.05.29 16:02 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن يولداش شى جىنپىڭنىڭ «پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش توغرىسىدا» ناملىق كىتابى يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  بۇ مەخسۇس تېمىلىق ئەسەرلەر توپلىمىغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش توغرىسىدىكى مۇھىم قول يازمىسىدىن 50 پارچە كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم قول يازمىلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

  پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، گۈللىنىشىنىڭ ئاساسى، خەۋپسىزلىكىنىڭ ئاچقۇچى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدە يادرولۇق ئورۇنغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلەتتى، ئۇل تەتقىقات ۋە دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، بەزى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلتۈردى، دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىپ، ئىجادچان دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىدا، مەۋقە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە قويۇلۇپ، دۇنيانىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە دەۋر ئېقىمى ئىگىلىنىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئورنى چوڭقۇر ئىزاھلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشان، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر، مۇھىم، زور تەدبىرلەر ۋە ئاساسىي تەلەپلەر سىستېمىلىق بايان قىلىنىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، بىزنىڭ دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ