شى جىنپىڭ بىلەن ئېرىترېيە زۇڭتۇڭى جۇڭگو − ئېرىترېيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2023.05.25 08:58 مەنبە: خەلق تورى

  5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېرىترېيە زۇڭتۇڭى ئىساياس بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - ئېرىترېيە مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈردى، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر سەمىمىي، دوستانە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللىدى. يېقىندا زۇڭتۇڭ ئىساياس جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەمدە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - ئېرىترېيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئىساياس بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆزئارا قوللاشنى مۇستەھكەملەپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ئېرىترېيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

  ئىساياس مۇنداق بىلدۈردى: ئېرىترېيە - جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، جۇڭگو ئېرىترېيە خەلقىنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى مەنىۋى ۋە ماددىي جەھەتتىن مەدەت بىلەن تەمىنلىدى. ئۆتكەن 30 يىلدا ئېرىترېيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى سىجىل تەرەققىي قىلدى. يېقىندا، مەن جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن چوڭقۇر سۆھبەتلەشتىم. مەن شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆرۈپ يەتتىمكى، ئېرىترېيە - جۇڭگو دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامغا كۆتۈرۈلۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. ئىساياس مۇنداق تەكىتلىدى: مەن بۇ خۇشاللىققا چۆمگەن پەيتتە، ئېرىترېيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالىغا بولغان قەتئىي ئىشەنچىم ۋە ياخشى تىلىكىمنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ