لى چياڭ رۇسىيە زۇڭلىسى مىشۇستىن بىلەن سۆھبەتلەشتى

2023.05.25 08:59 مەنبە: خەلق تورى

  5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بېيجىڭ خەلق چوڭ سارىيىدا جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن رۇسىيە زۇڭلىسى مىشۇستىن بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتىن بۇرۇن، لى چياڭ خەلق چوڭ سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا مىشۇستىننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن رۇسىيە زۇڭلىسى مىشۇستىن بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە باشتىن - ئاخىر يۇقىرى سەۋىيەلىك ئايلىنىش ساقلاندى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ ئېلاستىكلىقى يېتەرلىك، يوشۇرۇن كۈچى زور، بوشلۇقى كەڭ. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىش مېخانىزمىنىڭ ئاساسىي يوللۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ مۇقىم، سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو رۇسىيە بىلەن بىللە سودا قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سودا تۈرلىرىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، مۇلازىمەت سودىسى، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشنى؛ سودا يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، چېگرا ئېغىزىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى؛ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، يەرلىك ۋە كارخانىلارنى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىشنى خالايدۇ؛ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش يىلىنىڭ كېيىنكى خىزمەتلىرىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشىنى قوللايدۇ.

  لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. جۇڭگو رۇسىيە قاتارلىق ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى بىلەن ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنىڭ ئۇدۇللىشىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلىقلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.مىشۇستىن مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە - جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلدى، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتتە ئالاھىدە ئۈلگىلىك ئەھمىيىتىگە ئىگە. خەلقئارا ۋەزىيەت داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، رۇسىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ئورتاق دۇچ كەلگەن يېڭى خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، سودا - سانائەت ساھەسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، پەن - تېخنىكا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشى كېرەك. رۇسىيە جۇڭگو بىلەن ئادىمىيەت، يەرلىكلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن بۇرۇن، لى چياڭ خەلق چوڭ سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا مىشۇستىننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  خې لىفېڭ، چىن گاڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، مىشۇستىن بېيجىڭ خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ