شى جىنپىڭ 2023 - يىللىق جۇڭگۇەنسۈن مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2023.05.26 09:42 مەنبە: خەلق تورى

  5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2023 - يىللىق جۇڭگۇەنسۈن مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئىنسانلار ئورتاق تەرەققىي قىلىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئېچىۋېتىشتىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق. جۇڭگو ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق نەپ ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، قول تۇتۇشۇپ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن - تېخنىكىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بېيجىڭ مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگۇەنسۈن ئالدىن يۈرۈش، ئالدىن سىناق قىلىش ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن - تېخنىكا باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئالىي، سەرخىل، ئىلغار كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە جاسارەت بىلەن ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشى كېرەك.

  2023 - يىللىق جۇڭگۇەنسۈن مۇنبىرىنى پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، ئۇنىڭ باش تېمىسى «ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش . كەلگۈسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ