مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭنىڭ 2023 - يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش

2023.05.23 13:48 مەنبە: خەلق تورى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى يېقىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2023- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى» دېيىلىدۇ) نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى ( http://www.xjzk.gov.cn ) دا رەسمىي ئېلان قىلدى.

  «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى»دە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق ئارخىپى، ئىدىيىۋى- سىياسىي ئەخلاق - پەزىلىتىنى باھالاش، سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ئىمتىھان ئېلىش ۋە ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى، ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ) لەرگە ئايرىپ كەسىپلەر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى، قوبۇل قىلىش تۈركۈم قېتىمىنى تەسىس قىلىش ۋە ئارزۇ تولدۇرۇش، قوبۇل قىلىش، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش، ئېلان قىلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىراجىتى، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە قوشۇمچە پىرىنسىپ قاتارلىق جەھەتلەردە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھانى ئورنىنىڭ «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ئۈندىدار سالونى ۋە «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھانى ئورنىنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلغان ئىمتىھان ئېلىش، قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈدىغان ۋە ئېلان قىلىدىغان سۇپا. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھانى ئورنى ئەزەلدىن ھەرقانداق شەخس ياكى ۋاسىتىچى ئاپپاراتقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشنى ھاۋالە قىلىپ باقمىغان، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرقانداق قانۇنسىز ۋاسىتىچى ئاپپارات ياكى شەخسكە ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكىنى، شەخسىي ئۇچۇرنى ئاسانلىقچە ئاشكارىلاپ قويماسلىقىنى، ساختا تەشۋىقات ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىقىدىن قاتتىق ساقلىنىشىنى ئەسكەرتىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ