شى جىنپىڭ مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زۇڭتۇڭى سىمىناغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2023.05.22 09:33 مەنبە: خەلق تورى

  5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋېسلېي سىمىناغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - مىكرونېزىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 34 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئاساسىدا تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە ئەمەلىي بەخت ئېلىپ كەلدى. زۇڭتۇڭ سىمىنا ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو - مىكرونېزىيە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقاردى، مەن بۇنىڭغا چوڭقۇر ئاپىرىن ئېيتىمەن. مەن جۇڭگو - مىكرونېزىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ سىمىنا بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، بىر - بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - مىكرونېزىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ