شى جىنپىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خەلقئارا تەشكىلاتىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

مەملىكەتلىك مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش كۈنىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ مېيىپلەر ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن، كەڭ مېيىپلەر خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى

2023.05.22 09:33 مەنبە: خەلق تورى

  5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خەلقئارا تەشكىلاتىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى ھەم مەملىكەتلىك مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش كۈنىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ مېيىپلەر ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن، كەڭ مېيىپلەر خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، جۇڭگونىڭ مېيىپلەر ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن، قوللىغان خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ھەرقايسى تەرەپلەردىكى زاتلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خەلقئارا تەشكىلاتى مېيىپلەر ئىشلىرى ساھەسىدىكى مۇھىم تەسىرگە ئىگە خەلقئارا تەشكىلات بولۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداش، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مېيىپلەرنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. جۇڭگو سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خەلقئارا تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى پائال قوللايدۇ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مېيىپلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا مېيىپلەر ئىشلىرى ئۈچۈن جۇڭگو كۈچىنى قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو مېيىپلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، مېيىپلەر ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا مېيىپلەر ئىشلىرى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى ۋە بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

  سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خەلقئارا تەشكىلاتىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىنى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خەلقئارا تەشكىلاتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى بېيجىڭدا باشلاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ