شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن سۆھبەتلەشتى

2023.05.19 00:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

5 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شىئەندە جۇڭگوغا جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن سۆھبەتلەشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىئەن، 5 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، چېن چېن) 5 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شىئەندە جۇڭگوغا جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن سۆھبەتلەشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئۆزئارا ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ياخشى دوست، ياخشى قېرىنداش، ياخشى ھەمراھ. جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا، قازاقىستان تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان، گۈللەپ ياشناۋاتقان «يېڭى قازاقىستان» قۇرماقتا. جۇڭگو بىلەن قازاقىستان تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگو ـ قازاقىستان مۇناسىۋىتىدە يېڭى «ئالتۇن 30 يىل» باشلاندى. ئىككى تەرەپ ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر ـ بىرىنى قەتئىي قوللاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات، گۈللىنىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان، يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولىدىغان جۇڭگو ـ قازاقىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان، بىخەتەر، مۇقىم بولغان، تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن قازاقىستان جۇڭگو ـ قازاقىستان ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستاننىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، قازاقىستاننىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ. مەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان نەچچە ئون مۇھىم ھەمكارلىق تۈرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد ـ سودا، سېلىنما، يېزا ئىگىلىكى، ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقى ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇرۇقلۇق ـ دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا، يېڭىلىق يارىتىش، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق يېڭى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىش ۋە لۇبەن ھۈنەرخانىسى تەسىس قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى پۇرسەت بىلىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلق رايى ئاساسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. قازاقىستان تەرەپنىڭ 2024 ـ يىلى جۇڭگودا قازاقىستان ساياھەت يىلى ئۆتكۈزۈشىنى قارشى ئالىمىز. قازاقىستاننىڭ شىئەندىكى باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئېچىلىشى ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك ئالاقىسىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئىككى تەرەپ يەنە تاراتقۇلار جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ قازاقىستان دوستلۇق ھېكايىسىنى بىرلىكتە ياخشى سۆزلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھازىرقى ئېھتىياجى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق گۈللىنىشكە كۈچ قوشۇشنى مەقسەت قىلغان. پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن كۆپنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق قۇرۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنى ئالتە دۆلەتنىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىدىغان مۇھىم سۇپا قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى خالايدۇ.

توقايېف مۇنداق بىلدۈردى: تەكلىپ بىلەن شىئەنگە كېلىپ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمدىن ھەم جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ شانلىق كەلگۈسىگە ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستان ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بەرگەن باھاسى ھەمدە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. جۇڭگو قازاقىستاننىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، قازاقىستان ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى چوڭقۇر دوستلۇق ۋە مۇستەھكەم ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئورتاق نىشانى ۋە ۋەزىپىسى بار. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە قازاقىستان ـ جۇڭگو مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك سودا، ساياھەت، ئادىمىيەت، يەرلىك قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى «ئالتۇن 30 يىلى»نى ئېچىشى ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىشنى خالايدۇ. قازاقىستان ـ جۇڭگونىڭ ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشالمەن، بۇ ئىككى تەرەپلىك ئالاقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئۇلۇغ تەشەببۇس، قازاقىستان تەرەپ داۋاملىق ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. ھازىرقى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، قازاقىستان تەرەپ پائال قوللايدۇ، بۇ ھەقتە جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشما باياناتى»نى ئىمزالاپ، ئىقتىساد ـ سودا، ئېنېرگىيە، قاتناش، يېزا ئىگىلىكى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئادىمىيەت، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەر بويىچە كۆپ تۈردىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

سەي چى، ۋاڭ يى، چىن گاڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ