شى جىنپىڭ تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف بىلەن كۆرۈشتى

2023.05.19 09:17 مەنبە: خەلق تورى

5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شىئەندە جۇڭگوغا جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 31 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دوستانە ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتتى. بۇ يىل 1 - ئايدا سىز جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدىڭىز، بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ قاتلىمىدا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭگو - تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە ئېچىشنى جاكارلىدۇق. جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا، تۈركمەنىستان «قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ يېڭى دەۋردىكى گۈللىنىشى» نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە، جۇڭگو - تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئىستىقبالى پارلاق. جۇڭگو تەرەپ تۈركمەنىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ تۈركمەنىستاننىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، تۈركمەنىستاننىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، باشتىن - ئاخىر تۈركمەنىستان تەرەپنىڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان دوستى ۋە ھەمراھى بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى ۋە كۆلىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تۈركمەنىستان تەرەپ بىلەن ئىقتىساد - سودا، تەبىئىي گاز، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، خەۋەرلىشىش، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تۈركمەنىستانغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى قوللايدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك ئۆلكە، ئوبلاستلىرىمۇ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆز ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نىشانلىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئۆزئارا مەدەنىيەت يىلى ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن ئۆتىدىغان، تىنچ - ئامانلىق ۋە خەۋپ - خەتەردە بىللە بولىدىغان، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. جۇڭگو تەرەپ بەش دۆلەت بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ پۇختا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

بەردىمۇھەممەدوف مۇنداق بىلدۈردى: تۈركمەنىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلانماقتا، تۈركمەنىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر بولۇش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىش ئاساسىدا ئورنىتىلغان، ئىستىقبالى پارلاق. تۈركمەنىستان تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يۈكسەك قەدىرلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە «يىپەك يولىنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈركمەنىستان - جۇڭگو ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيە، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، دۇنياغا نىسبەتەنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركمەنىستان تەرەپ بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پەن - تېخنىكا، تاموژنا قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

سەي چى، ۋاڭ يى، چىن گاڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ