شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ بىر يىراق ئوكيان بېلىقچىلىق كېمىسىنىڭ ھىندى ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى دەرھال قوزغىتىپ، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يىراق ئوكيان مەشغۇلاتى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە خەۋپ ـ خەتەردىن ئالدىن سىگنال بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

2023.05.19 00:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى سەھەر سائەت 3لەردە، پېڭلەي جىڭلۇ بېلىقچىلىق چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق جۇڭگونىڭ «لۇپېڭ يۈەنيۈ 028» ناملىق يىراق ئوكيان بېلىقچىلىق كېمىسى ھىندى ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆرۈلۈپ كېتىپ، كېمىدىكى 39 كىشى بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگولۇق كېمە خادىمىدىن 17سى، ھىندونېزىيەلىك كېمە خادىمىدىن 17سى، فىلىپپىنلىق كېمە خادىمىدىن بەشى بار. ھازىرغا قەدەر، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان خادىملار تېخى ۋاقتىنچە بايقالمىدى، ئىزدەش ـ قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلماقتا.

ھادىسە يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى: يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى، قاتناش ـ تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ۋە شەندۇڭ ئۆلكىسى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى دەرھال قوزغىتىپ، ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىپ، خەلقئارا دېڭىزدا ئىزدەش ـ قۇتقۇزۇش ياردىمىغا ماسلىشىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئالاقىدار ئەلچىخانىلىرىمىز شۇ جايدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىزدەش ـ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك. يىراق ئوكيان مەشغۇلاتىدىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىر ـ بىرلەپ تەكشۈرۈش ۋە خەۋپ ـ خەتەردىن ئالدىن سىگنال بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى، قاتناش ـ تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى چىڭ تۇتۇپ ماسلاشتۇرۇپ، خەتەرگە يولۇققان كېمە خادىملىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ ـ قۇتقۇزۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىشنى ئازايتىشى كېرەك. دېڭىزدىكى بېلىقچىلىق كېمىسى قاتارلىقلارنى بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېڭىز تىرانسپورتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە لى چياڭنىڭ تەلىپى بويىچە، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى، قاتناش ـ تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ۋە شەندۇڭ ئۆلكىسى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى قوزغىتىپ، «لۇپېڭ يۈەنيۈ 018» ناملىق پاراخوت، جۇڭگو يىراق ئوكيان دېڭىز تىرانسپورتى «يۈەنفۇخەي» ناملىق پاراخوت قاتارلىقلارنى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان دېڭىز تەۋەلىكىگە بېرىپ قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللىدى، يەنە ئالاقىدار قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ بارماقتا. جۇڭگو دېڭىزدا ئىزدەش ـ قۇتقۇزۇش مەركىزى ئۇچۇرلارنى ئالاقىدار دۆلەتلەرگە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دېڭىزدا ئىزدەش ـ قۇتقۇزۇش كۈچلىرى نەق مەيداندا ئىزدىدى، قۇتقۇزدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى كونسۇل قوغداش جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى قوزغىتىپ، ئاۋسترالىيە، سىرى لانكا، مالدىۋې، ھىندونېزىيە، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلارنى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تەرەپلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ پائال ئىزدەش ـ قۇتقۇزۇشنى تېز ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ