مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تارقىتىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش» مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2023.05.19 00:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 5-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدا «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تارقىتىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش» مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تارقىتىش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى، ھەقىقىي تۈردە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تارقىتىش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ مىزانى قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تارقىتىش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە رولىنى نامايان قىلىش كېرەك. تاشقى ئالاقە ماركىسى ۋە خىزمەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنىڭ چاقىرىق كۈچى ۋە تارقىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۇنياغا ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 100 دىن ئارتۇق ئەزاسى يىغىنغا قاتناشتى، 20 ئەزا ۋە مۇتەخەسسىس سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە يېڭى دەۋر تەرەققىياتى بارغانسېرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى توغرا بولغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قارىشى، جۇڭگو قارىشىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەنىۋى بەلگىسى ۋە مەدەنىيەت جەۋھىرىنى تاۋلاپ، نامايان قىلىپ، جۇڭگو سۆزى ۋە جۇڭگو بايانى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە تارقىتىش ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە زامانىمىزدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئېسىل تۇرمۇشىنى نامايان قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۇلېي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تارقىتىش كۈچى، تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى بىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىشىمىز، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك تارقىتىش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يەر شارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇ چۈنخۇا، جوۋ چياڭ، خې خوۋخۇا، سۇ خۇي، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن يىغىنغا قاتناشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى، ئەزالار بىلەن كېڭىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ