شى جىنپىڭ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف بىلەن سۆھبەتلەشتى

2023.05.19 09:16 مەنبە: خەلق تورى

5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شىئەندە جۇڭگوغا جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنى يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە ئۆستۈرۈشنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر بىز ئىككى قېتىم كۆرۈشتۇق، جۇڭگو - قىزغىزىستان مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى توغرىسىدا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتى 31 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى، جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن ئىناق قوشنا بولۇپ دوستانە ئۆتىدىغان، گۈللىنىشتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جۇڭگو - قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىشى، بولۇپمۇ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى ئېنىق ۋە كۈچلۈك قوللىشى، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا قەدىرلەيدىغان ياخشى دوستلاردىن بولۇشى كېرەك. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش ئارقىلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى تۈر قۇرۇلۇشى ۋە نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى ئازايتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنى بالدۇرراق باشلاش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كۆپەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قىرغىزىستانغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە يەرلىكلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ جەمئىيەت ۋە خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى ياخشى بىخەتەر مۇھىت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

جاپاروف مۇنداق بىلدۈردى: تارىخىي ئەھمىيەتكە تولغان قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىغا كېلىپ زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بىر قاتار مۇھىم، زور سىياسىي قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، ئىشىنىمەنكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قەتئىي، كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ھەرقايسى ساھەدىكى تەرەققىياتتا مۇقەررەر يېڭى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيادا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ھازىر، قىرغىزىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ، قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسى، شىنجاڭغا ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قوللاشتا قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، زىچ ئالاقىلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى ھەم تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. قىرغىزىستان تەرەپ پۈتۈن كۈچ بىلەن جۇڭگو كارخانىلىرىنى بىخەتەر، ياخشى بولغان مەبلەغ سېلىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىدۇ. بۈگۈن، بىز قىرغىزىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈردۇق ھەم قىرغىزىستان - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە مۇقەررەر تۈرتكە بولىدۇ.

جاپاروف مۇنداق بىلدۈردى: مەن پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا نىسبەتەن زور ئۈمىدكە تولدۇم، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە بۇ يىغىننى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپ ۋە رايون ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرىدىغان يېڭى سۇپىغا ئايلاندۇرۇشنى خالايمەن.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما خىتابنامىسى»نى ئىمزالىدى ھەم ئىقتىساد - سودا، كەسىپ ۋە سېلىنما، تاموژنا، يېزا ئىگىلىكى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

سەي چى، ۋاڭ يى، چىن گاڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ