شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن سۆھبەتلەشتى

2023.05.19 09:17 مەنبە: خەلق تورى

5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شىئەندە جۇڭگوغا جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن سۆھبەتلەشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقتىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتكە، يەنە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتكە ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. جۇڭگو - تاجىكىستان مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تارىخىي مەنبەگە، پۇختا سىياسىي ئاساسقا، مول ھەمكارلىق ئىچكى خاس مەزمۇنىغا، كەڭ خەلق رايىنىڭ قوللىشىغا ئىگە. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان جۇڭگو - تاجىكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدا، ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىگىلىك ھوقۇق، مۇستەقىللىق، خەۋپسىزلىك، زېمىن پۈتۈنلۈكى قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، بىر - بىرىگە ئىشىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، چوڭ تۈر قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك، جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستاننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ. ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، لۇبەن ھۈنەرخانىسىنى ياخشى باشقۇرۇپ، مائارىپ، تاراتقۇ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - تاجىكىستان دوستلۇق ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ خەلق رايى ۋە جەمئىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستان تەرەپ بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئورتاق خەۋپسىزلىكىنى قوغداپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىشىنىمەنكى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى چوقۇم مەزمۇنى مول، نەتىجىسى مول باشلىقلار يىغىنى قىلىپ ئېچىلىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچىدۇ.

راخمان مۇنداق بىلدۈردى: تاجىكىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتى يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا قوللاش ئاساسىغا ئورنىتىلغان. بۇ يىل تاجىكىستان بىلەن جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى دۆلەتلەر ئارا ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، سەمىمىي ھەمكارلىقنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. تاجىكىستان تەرەپ قەتئىي تەۋرەنمەي بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ، قەتئىي تەۋرەنمەي تاجىكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، تاجىكىستان - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىدۇ. بۇ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. تاجىكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، تاجىكىستاننىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، يېزا ئىگىلىكى، قاتناش، يېشىل ئىقتىساد، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. تاجىكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنى ياخشى قۇرۇشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشما باياناتى»نى ئىمزالىدى، ئىقتىساد - سودا، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، پەن - تېخنىكا، يەرلىكلەر ئالاقىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

سەي چى، ۋاڭ يى، چىن گاڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ