شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بىلەن سۆھبەتلەشتى

2023.05.19 09:18 مەنبە: خەلق تورى

  5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شىئەندە جۇڭگوغا جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر 9 - ئايدا، مەن ئۆزبېكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، بىز جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئىككى تەرەپ قاتلىمىدا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى ئورتاق جاكارلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورنىنى بېكىتتۇق. جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا، ئۆزبېكىستانمۇ «يېڭى ئۆزبېكىستان»نى ئومۇميۈزلۈك قۇرماقتا، ئىككىلا دۆلەت ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرماقتا، خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ سىنىقىغا دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، بىر - بىرىگە تايىنىدىغان، بىر - بىرىنى قەدىرلەيدىغان دوست ۋە ھەمراھلاردىن بولۇشى كېرەك. ئىقتىساد - سودا ۋە سېلىنما ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە ۋە داۋالاش، سەھىيە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، يەرلىك، ئادىمىيەت ۋە نامراتلارنى ئازايتىش جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يەنە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى يېڭى ئابىدە بولۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  مىرزىيويېف مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى ۋە بۇ يىلقى جۇڭگو ئىككى يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشى بۈگۈنكى دۇنيادىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە تارىخىي ئىش بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۇلۇغۋار تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى تولۇق ئىپادىلىدى. ئىشىنىمەنكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو چوقۇم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ. ئۆزبېكىستان تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىشەنچلىك، ھاۋا رايى چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى. ئۆزبېكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك ئېلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزبېكىستان - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئۆزبىكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، رايون خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشما باياناتى»نى ئىمزالىدى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2027 − 2023)»نى ماقۇللىدى، ئالدىن مەبلەغ سېلىش تۈرى، نامراتلىقنى ئازايتىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسى، تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىش، يەرلىك ھەمكارلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  سەي چى، ۋاڭ يى، چىن گاڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ