مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى لياڭ فېڭيۈەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى

2023.05.23 00:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى لياڭ فېڭيۈەن ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  لياڭ فېڭيۈەننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  لياڭ فېڭيۈەن، ئەر، خەنزۇ، 1963-يىل 9-ئايدا تۇغۇلغان، چۇڭچىڭ يوۋياڭدىن، خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 1981-يىل 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1992-يىل 8-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن. ئاۋات ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كۇچا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ