شى جىنپىڭ شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ شەنشى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك

2023.05.18 09:51 مەنبە: خەلق تورى

  سەپەر جەريانىدا سەنشى يۈنچېڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى

  سەي چى دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى

  5 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەنشى شىئەندە جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىش ھارپىسىدا، شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلىدى، مۇھىم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

  ■ شەنشى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇش، تىرىشىپ دەۋر ئەزىمەتلىرىدىن بولۇش ئىرادىسى ۋە جاسارىتى ئارقىلىق پۈتۈن كۈچ بىلەن يېتىشىۋېلىپ، ھالقىشقا جۈرئەت قىلىپ، غەربىي رايوندا ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ، مەۋقەنى شەنشىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، تىرىشىپ پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، شەھەر ـ يېزا رايونلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ شەنشى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك

  ■ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى چوقۇم چوڭقۇر، پۇختا بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇشتا، پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسىدىن قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇسۇلنى ئۆگىنىپ، ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇپ، كامالەتكە يەتكەن ماھارەت، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش ئىقتىدارى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بىرىنچىدىن، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەيدانى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ مەسىلىلەرنى ئويلاش، تەدبىر بەلگىلەش، ئىش بېجىرىشكە ماھىر بولۇش، مۇرەككەپ مەسىلىلەر ئىچىدىن شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش، بىخ ھالىتىدىكى مەسىلىلەردىن شەيئىلەرنىڭ يۈزلىنىشىنى بايقاش، تاسادىپىي مەسىلىلەردىن شەيئىلەرنىڭ مۇقەررەرلىكىنى تونۇشقا ماھىر بولۇش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش، جەمئىيەت كۈچىنى مۇجەسسەملەش، سىياسىي خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ماھىر بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ياخشى زىممىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۈردە سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى «باش ئاچقۇچ» قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر، سىستېمىلىق تەپەككۇر، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى، تارىخىي تەپەككۇر، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلەش، تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش، خىزمەتنىڭ مۇھىم ھالقىسىنى ئىگىلەش، سىياسەت ئۆلچىمىنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەتتىكى ئىلمىيلىكى، ئالدىن كۆرەرلىكى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاشتىن ئىبارەت ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنىڭ ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش روھى ۋە كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، بىلىم جەھەتتىكى بوشلۇقنى ۋاقتىدا تولدۇرۇپ، ساپا جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئىقتىدار جەھەتتىكى ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

  5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن شەنشى شىئەنگە بېرىش سەپىرىدە، سەنشى يۈنچېڭ مۇزېيىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شەنشى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇش، تىرىشىپ دەۋر ئەزىمەتلىرىدىن بولۇش ئىرادىسى ۋە جاسارىتى ئارقىلىق پۈتۈن كۈچ بىلەن يېتىشىۋېلىپ، ھالقىشقا جۈرئەت قىلىپ، غەربىي رايوندا ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ، مەۋقەنى شەنشىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، تىرىشىپ پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، شەھەر ـ يېزا رايونلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ شەنشى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

  5 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، شى جىنپىڭ شىئەندە جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىش ھارپىسىدا، شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلىدى، ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ يىدې دوكلات بەردى، ئۆلكە باشلىقى جاۋ گاڭ قاتارلىقلار دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، شەنشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شەنشى يېتىشىۋېلىش، ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك، جەزمەن پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشى كېرەك. مەۋقەنى ئۆزىنىڭ كەسىپ ئاساسى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، تەرەققىياتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ باشلامچىلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىللە، دادىللىق بىلەن يېڭى ساھە، يېڭى مۇسابىقە يولى ئېچىپ، رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش بويىچە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد ۋە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، يېشىللاشقان، يۇغۇرۇلغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ۋە مۇكەممەل، ئىلغار، بىخەتەر بولۇش تەلىپىگە ماس كېلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، زامانىۋى ئېنېرگىيە كەسىپ توپىنى كۈچەيتىشى، ئەلالاشتۇرۇشى كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى ۋە خەلقئارا رىقابەتنىڭ ئالدىنقى سېپىنى كۆزلەپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور پەن ـ تېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ «دۆلەتنىڭ مۇھىم قۇرۇلۇشى»نى بەرپا قىلىشى كېرەك. كارخانىلارنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى تېزلىتىش كېرەك. شىئەن ئۇنىۋېرسال دۆلەت ئىلىم ـ پەن مەركىزى ۋە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى ياخشى قۇرۇپ، تىرىشىپ دۆلەت مۇھىم پەن تەتقىقات ۋە مەدەنىيەت ـ مائارىپ مەركىزى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ۋە ياسىمىچىلىق بازىسى بەرپا قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا. جەزمەن شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقىنى تەدرىجىي كىچىكلىتىش كېرەك. ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە بازىرىنىڭ شەھەر مەمۇرىيىتى ئاممىۋى ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى ۋە ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت، كەسىپلەرنىڭ يۈرۈشلەشكەن فۇنكسىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ناھىيە بازىرىنىڭ ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كىچىك شەھەر ـ بازارلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاس كىچىك بازارلارنىڭ قېلىپلاشقان، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە بازىرىنى تۈگۈن، كىچىك شەھەر ـ بازارلارنى تۈگۈن نۇقتىسى قىلغان ناھىيە رايونى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھەر ـ يېزا مۇھىم ئامىللىرىنى باراۋەر ئالماشتۇرۇش، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر بايلىق مۇھىم ئامىللىرىنىڭ يېزا ـ كەنتلەرگە تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزىلاردىكى 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەنت ۋە يېزا ـ كەنتلەرنىڭ خاس قىياپىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يېزا مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەشنى سىجىل يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىش كېرەك. خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى شەنشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئۆلچەم سىزىقى قىلىپ، خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش قانۇنى ۋە ئالاقىدار يىرىك پىلانلارنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، سۇ ـ تۇپراق ئېقىپ كېتىش، چۆللىشىشنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى دائىرىلىك بۇلغىنىش، سانائەت بۇلغىنىشى، شەھەر ـ يېزىلاردىكى تۇرمۇش بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش ۋە كان رايونلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئانا دەريا خۇاڭخېنى ياخشى قوغداش كېرەك. چىنلىڭنى دائىملاشتۇرۇپ ئۇزاق ئۈنۈملۈك قوغداش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرىكەت ھالىتىدە بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەركىزىي سۇ مۇنارىنى ياخشى قوغداش كېرەك. جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۇ مەنبەسىنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «سۈزۈك سۇنىڭ ئۈزۈلمەي شىمالغا قاراپ ئېقىشى»غا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يېشىللاشتۇرۇش، تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، قاتناش ـ تىرانسپورت قۇرۇلمىسى ۋە يەر ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە كەسپىدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك تېجەش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېشىل ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، بايلىقلاردىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىشنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش چوڭ ئەندىزىسىگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭىشىپ، ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش داۋامىدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىپ، ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى ئېچىش كېرەك. قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا كېڭەيتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى ئېنېرگىيە دەرىجىلىك ئېچىۋېتىش سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك. غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق ـ دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى شىئەن يىغىلىش مەركىزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۈزلەنگەن مۇھىم سىرتقا ئېچىۋېتىش يولىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى تۇتاشتۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان بىرىنچى قاتاردىكى تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى چوقۇم چوڭقۇر، پۇختا بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇشتا، پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسىدىن قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇسۇلنى ئۆگىنىپ، ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇپ، كامالەتكە يەتكەن ماھارەت، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش ئىقتىدارى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بىرىنچىدىن، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەيدانى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ مەسىلىلەرنى ئويلاش، تەدبىر بەلگىلەش، ئىش بېجىرىشكە ماھىر بولۇش، مۇرەككەپ مەسىلىلەر ئىچىدىن شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش، بىخ ھالىتىدىكى مەسىلىلەردىن شەيئىلەرنىڭ يۈزلىنىشىنى بايقاش، تاسادىپىي مەسىلىلەردىن شەيئىلەرنىڭ مۇقەررەرلىكىنى تونۇشقا ماھىر بولۇش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش، جەمئىيەت كۈچىنى مۇجەسسەملەش، سىياسىي خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ماھىر بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ياخشى زىممىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۈردە سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى «باش ئاچقۇچ» قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر، سىستېمىلىق تەپەككۇر، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى، تارىخىي تەپەككۇر، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلەش، تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش، خىزمەتنىڭ مۇھىم ھالقىسىنى ئىگىلەش، سىياسەت ئۆلچىمىنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەتتىكى ئىلمىيلىكى، ئالدىن كۆرەرلىكى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاشتىن ئىبارەت ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنىڭ ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش روھى ۋە كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، بىلىم جەھەتتىكى بوشلۇقنى ۋاقتىدا تولدۇرۇپ، ساپا جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئىقتىدار جەھەتتىكى ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. شەنشى ئۆزىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقى ۋە قىزىل مەدەنىيەت بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى ۋە يەنئەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. 5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شەنشىگە بېرىش سەپىرىدە، شى جىنپىڭ پويىزدىن چۈشۈپ، سەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لەن فوئەن، ئۆلكە باشلىقى جىن شياڭجۈننىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ يۈنچېڭ مۇزېيى ۋە يۈنچېڭ تۇز كۆلىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. يۈنچېڭنىڭ تارىخى ئۇزاق، مەدەنىيەت تومۇرى چوڭقۇر بولۇپ، «تۇز توشۇش شەھىرى» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. مۇزېيدا، شى جىنپىڭ «خۇاشيا يىلتىزىنى ئىزدەش» «مۇزېيدا ساقلانغان قىممەتلىك بۇيۇملار» «گۇيەن چۇنچيۇ» قاتارلىق كۆرگەزمىلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، يۈنچېڭ شەھىرىدە ئىنسانلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دەسلەپكى تارىخىي تەرەققىياتى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ھەم يۈنچېڭ تۇز كۆلىنىڭ شەكىللىنىش تەرەققىياتى ۋە تارىخىي تەرەققىيات جەريانى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مۇزېيدا نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ھەتتا «دۆلەت گۆھىرى» بار، ئۇلار دۆلىتىمىزنىڭ مىليون يىللىق ئىنسانىيەت تارىخى، 10 مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخى، 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىنى ئەمەلىي ئىسپاتلىدى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭگو مەدەنىيلىكى تارىخى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، قىممىتىنى قېزىش، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەم مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يۈنچېڭ تۇز كۆلى 4600 يىلدىن ئارتۇق قېزىش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، چوڭقۇر ئادىمىيەت ئاساسى ۋە مۇھىم تارىخىي قىممەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جاي قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۇزلۇق يەرنى كۆلگە قايتۇرۇش»نى يولغا قويۇپ، تۇز كۆلىنى قوغداش دائىرىسى ئىچىدىكى بارلىق سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى توختىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. شى جىنپىڭ كۆرگەزمە تاختىسى، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، تۇز كۆلىنىڭ قىياپىتىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: تۇز كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك قىممىتى ۋە فۇنكسىيەسى بارغانسېرى مۇھىم بولماقتا، قوغداش ۋە پايدىلىنىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، تۇز كۆلىنىڭ ئۆزگىچە ئادىمىيەت تارىخىي بايلىقى ۋە ئېكولوگىيە بايلىقىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى مەڭگۈ تەرەققىي قىلدۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ ھەممىسى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى تەرەققىياتنى پىلانلاش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاساسىي ئۆلچەم سىزىقى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا پايدىسىز ئىشلارنى قەتئىي قىلىشقا بولمايدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى ھەم تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

  مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى ھەم تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى، باش تېما تەربىيەسى مەركەز 3 ـ يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ