لى چياڭ گوللاندىيە باش ۋەزىرى رۇت بىلەن تېلېفونلاشتى

2023.05.19 00:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 5-ئاينىڭ 16-كۈنى گوللاندىيە باش ۋەزىرى رۇت بىلەن تېلېفونلاشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن پادىشاھ ۋىليام ئالېكساندىر ئورتاق بېكىتكەن جۇڭگو-گوللاندىيە «ئېچىۋېتىلگەن، ئەمەلىيەتچىل، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى»نىڭ ئورنى ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن. جۇڭگو گوللاندىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئالدىن ھەمكارلىشىدىغان ھەمراھ دەپ قارايدۇ، گوللاندىيە بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو بازار ئىجازىتىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىدۇ، گوللاندىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك خاس مەھسۇلاتلىرى، تېخىمۇ كۆپ رىقابەت كۈچىگە ئىگە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ. گوللاندىيەنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گوللاندىيەگە مەبلەغ سېلىشىغا ئېچىۋېتىلگەن، ئادىل، كەمسىتمەيدىغان سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو گوللاندىيە بىلەن يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گوللاندىيە ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى ۋە ئەركىن سودىدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەر، قوللىغۇچىلار. گوللاندىيەنىڭ توختام روھىغا ئەمەل قىلىپ، بازار پىرىنسىپى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-گوللاندىيە ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى، دۇنيا كەسىپ زەنجىرىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ راۋانلىقىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگونىڭ ياۋروپاغا قاراتقان سىياسىتى يۈكسەك سىجىللىق، مۇقىملىقنى ساقلىدى. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، لاگېرلار قارشىلىشىشى ۋە «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى»غا ئورتاق قارشى تۇرۇشى كېرەك. گوللاندىيەنىڭ ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشتا چىڭ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  رۇت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو گوللاندىيەنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى. گوللاندىيە جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىقتىساد-سودا، سۇچىلىق، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گوللاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئوچۇق، ئەمەلىي بولغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. گوللاندىيە داۋاملىق ياۋروپا-جۇڭگو ھەمكارلىق ئالاقىسىنىڭ ۋاسىتىسى ۋە كۆۋرۈكى بولۇشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ