مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى

ئەركىن تۇنىياز قۇرۇلۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئاچتى

2023.05.23 00:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ۋە ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم كارخانىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئاچتى.

  ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھىنى قۇرۇش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەم غەربكە يۈزلەنگەن ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ۋە بايلىق ئىقتىدارىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى قاتارلىق باغچە رايونلىرىنىڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئەركىن تۇنىياز مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى مەۋقە قىلىپ، تىجارەت ئاساسىي كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، غەربىي رايوندا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، خەلقئارا رىقابەت كۈچى كۈچلۈك چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال زامانىۋى سودا ئەشيا ئوبوروت كەسپى گۇرۇھىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھىنى ئاپتونوم رايوننىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئاساسىي قوشۇنىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. دىققەتنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە سودا ئەشيا ئوبوروتى ساھەسىدە بايلىقنى بىرىكتۈرۈش، كەسىپ تىجارىتى، مۈلۈكنى يۈرۈشتۈرۈش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەم كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈشتىكى يېتەكچى ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئەشيا ئوبوروتى بىلەن سودا ھەمتۈرتكىلىكى»، «سودا بىلەن سودا ھەمتۈرتكىلىكى» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ دىققەتنى مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىق بولۇش، ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت ئايدىڭ بولۇش، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش، باشقۇرۇش ئىلمىي بولۇش»تىن ئىبارەت زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، بازار رىقابەت كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك؛ دىققەتنى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تىجارەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا زورايتىش، ئەلالاشتۇرۇش، كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، زورىيىشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەدەت بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى كومىتېتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار» ئوقۇپ ئۆتۈلدى ھەم سود ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھىغا تىجارەت كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىلدى.

  ۋاڭ گاڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ