مۇھىم خەۋەرلەر

ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇردى!

2023.05.11 10:54 مەنبە: خەلق تورى

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار يەنە بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتسە، ئۆزى تاللىغان داۋالىنىش ئاپپاراتى ياكى ئەمەسلىكىنى ئويلىشىشى ھاجەتسىز. 5-ئاينىڭ 9-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تاللاشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە قولايلىق يارىتىپ بەرگەن. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقۇچىلار (يەككە، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 516 بەلگىلەنگەن ئاپپاراتتا كېسەل كۆرسەتكەندە بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىنى تاللاشنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

  شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان خادىملار كېسەل كۆرسەتكەندە تۇنجى دىياگنوز قويۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان خادىملار نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تاللىمىسىمۇ بولىدۇ، پەقەت 292 تۇنجى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش ئاپپاراتىدا داۋالانسىلا بولىدۇ.

  تۇنجى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دائىرىسى 2-دەرىجىلىك بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتى، يېزا (بازار) شىپاخانىسى ۋە كەنت شىپاخانىسى بولىدۇ.

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار كېسەللىك ئەھۋالى تۈپەيلىدىن ھەقىقەتەن يۆتكەپ داۋالىتىشقا، باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكىلىشكە توغرا كەلسە، دەرىجە بويىچە يۆتكەپ داۋالىتىش ۋە قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەپ داۋالىتىش يولغا قويۇلىدۇ، تۇنجى دىياگنوز قويغان داۋالاش ئاپپاراتى يۇقىرى دەرىجىلىك بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىغا يۆتكەپ بېرىدۇ. ئېغىر، جىددىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار جىددىي ئەھۋالدا تۇنجى دىياگنوز قويۇشنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ