مۇھىم خەۋەرلەر

بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ گۇاڭجوۋ-چېڭدۇ-چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇللىرى شىنجاڭنى زىيارەت قىلدى

2023.04.26 15:10 مەنبە: خەلق تورى

  4-ئاينىڭ 24-كۈنى برازىلىيە، كۇبا، نېپال، ئىران، ۋيېتنام، كامبودژا، سېنېگال، ئېكۋادور، ھىندونېزىيە، بېرما، تايلاند، ئۇگاندا، پاكىستان، تۈركىيە قاتارلىق 14 دۆلەتنىڭ گۇاڭجوۋ-چېڭدۇ-چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇللىرى قەشقەرگە يېتىپ كېلىپ، شىنجاڭدىكى زىيارىتىنى باشلىدى.

  باش كونسۇللار قەشقەرگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، قەشقەر شەھىرى كوناشەھەر رايونىنى قوغداش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش خاتىرە سارىيى، ھېيتگاھ جامەسى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرى كەنتى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  4-ئاينىڭ 24-كۈنى قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ گۇاڭجوۋ-چېڭدۇ-چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇللىرى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. تيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو فوتوسى

  قەشقەر قەدىمىي شەھەر كوچىلىرى پاكىزە، رەتلىك بولۇپ، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى دۇكانلاردا ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، دۇكانلاردىكى ھەر خىل قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى، قەدىمىي شەھەر كوچىلىرىدا ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەر كۆپ بولۇپ، كوچىدا بالىلار ئويناۋاتاتتى ... بۇنداق ئىناق كۆرۈنۈش باش كونسۇللارنى بەك تەسىرلەندۈردى، بولۇپمۇ ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇنقى كونا شەھەر رايونىنىڭ سىن ماتېرىياللىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشتە قوللانغان بارلىق تەدبىرلىرى ۋە جاپالىق تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇشتى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىشتە شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ساقلاپ قېلىنىپتۇ، ئاھالىلەر ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى قەدىمىي شەھەردە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئادىمىيەت ۋە تارىخنى داۋاملاشتۇرۇۋېتىپتۇ، بۇنىڭ ئارقىسىدىكى بەدەل دېمىسىمۇ چۈشىنىشلىك.

  150 يىللىق چالغۇ ياساش تارىخىغا ئىگە قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ مىللىي چالغۇ ياساش كەنتىدە، باش كونسۇللار سەنئەتكارلارنىڭ مۇزىكىلىرىدىن ھۇزۇرلاندى، ھۈنەر-سەنئەت ۋارىسلىرىنىڭ قولدا ياسىغان چالغۇلىرىنى كۆرۈپ، قويۇق يەرلىك مىللىي مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلدى.

  ئىراننىڭ گۇاڭجوۋدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ھۈسەيىنئەلى دەرۋىشى مۆتىۋەللى شىنجاڭ مۇزىكىسىنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇ بۇ قېتىمقى شىنجاڭ سەپىرىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەھمىيىتى زور بولغانلىقىنى، كەلگۈسىدە جۇڭگو ۋە شىنجاڭ رايونى بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  4-ئاينىڭ 21-كۈنى، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ گۇاڭجوۋ-چېڭدۇ-چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇللىرى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى تۆمۈرچىلەر بازىرىدا شۇ جاينىڭ تۆمۈرچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. تيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو فوتوسى«ھاۋادا لەيلەپ يۈرگەن مەززىلىك پۇراقلار مېنىڭ كەيپىياتىمنى جانلاندۇرۇۋەتتى» دېدى پاكىستاننىڭ چېڭدۇدا تۇرۇشلۇق مۇۋەققەت باش كونسۇلى ئاغا ھۈنەيىن ئابباسخان شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: قەشقەردە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم ئارقىلىق جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.

  «بۇ يەر ئىناق جاي ئىكەن» دېدى بېرمىنىڭ چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى لۈ جېنسەي. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېجىل-ئىناق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، ھەممەيلەننىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغانلىقىنى، ياشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئارزۇ قىلغىنى بويىچە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەندە گۈزەل تەسىرلەرنى قالدۇردى.

  ئۇگاندانىڭ گۇاڭجوۋدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى جۇدىس سامبابېلا قويۇق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا دېگەن مۇشۇكەن، بىز شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئەركىن تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى، مەدەنىيەتنىڭ ناھايىتى ياخشى قوغدالغانلىقى ۋە ۋارىسلىق قىلىنغانلىقىنى كۆردۇق. جۇدىس يەنە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىلا، ئاندىن شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلەلەيدىكەن دەپ قارىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ