شى جىنپىڭ چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى

2023.04.25 09:33 مەنبە: خەلق تورى

  4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگودا تۇرۇشلۇق 70 باش ئەلچى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى. سۈرەتتە: دۆلەت خېتى تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ بېيجىڭ زالىدا ئەلچىلەرگە كوللېكتىپ سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگودا تۇرۇشلۇق 70 باش ئەلچى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى.

  4 - ئايدا بېيجىڭدا ئىللىق باھار شامىلى چىقىپ، بارلىق شەيئىلەر جانلاندى. موتوسىكلىت ئەترىتىنىڭ قوغدىشى بىلەن ئەلچىلەر خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىغا ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كەلدى. مۇراسىم ئەسكەرلىرى ئىككى تەرەپتە سەپ بولۇپ قاتار تۇردى، كانايچى مېھمان كۈتۈش بۇرغىسىنى چالدى. ئەلچىلەر بايراق سېپىدىن ئۆتۈپ، ئاق مەرمەر پەلەمپەينى بويلاپ يۇقىرىغا چىقتى.

  «تاغ - دەريالار شۇنچە گۈزەل» ناملىق غايەت زور تام رەسىمى ئالدىدا، شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەلچىلەر تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى ھەم ئۇلار بىلەن بىر - بىرلەپ سۈرەتكە چۈشتى.

  ئۇلار: موڭغۇلىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بادرېل، گىۋىيانانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جوۋ ياشىن، باربادوسنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھېنرى، سالۋادورنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالۋارېز، ئاۋسترىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رېكىن، ئىسلاندىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىبرى، مېكسىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سېئادې، فىنلاندىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مىككولا، موناكونىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ما سىسوڭ، سېيشېلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لافورتۇنې، گانانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خامموند، بەھرەيننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شاھخۇ، كومورونىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مائۇلانا، تىرىنىداد ۋە توباگونىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ نا، مالاۋىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چىنتېدزا، ئالجىرىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رابېھى، سېربىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سىتىفانوۋىچ، ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالزىيېف، كونگو (كىنشاسا)نىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بالۇمۇئەينا، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇرنىس، ھىندىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لو گودۇڭ، كىرىباتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تئابو، يەمەننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مېتامى، قازاقىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نۇرېشېف، ۋېنېزۇئېلانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يوففرىدا، سۇرىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خاسانى، نىگېرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سېينى، گېرمانىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فۇ رۇڭ، ساموئانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارىنا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھاللەبى، كورېيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېڭ زەيخاۋ، نېپالنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شىرېستا، سېنېگالنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سىرا، كونگو (براززاۋېل)نىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىئانگا، بىرازىلىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گالۋائو، ئۇگاندانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋونېكا، جەنۇبىي سۇداننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مونداي، سىپرۇسنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماۋروماتى، لېسوتونىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رابالې، شىۋېيتسارىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇررىي، باھامانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بېزېل، ئېستونىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خەن شو، مىسىرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خانافى، سۇداننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سادېگ، رۇسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مورگۇلوف، كانادانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مېي چيەنلىن، پورتۇگالىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ناسسىمىنتو، بوتسۋانانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سېرېما، بېنگالنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۇدىڭ، قىرغىزىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇسايېۋا، سىلوۋاكىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىزاك، يېڭى زېلاندىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مورتون، بىرمانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دىڭ ماۋرۇي، گىرېتسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كاپېيرىس، يېشىل تۇمشۇقنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دوروسارىئو، گىۋىنېيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كوئىتا، مالتانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بەي خەنشۈەن، چىلىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئورتادو، سۇرىنامنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ بىفېن، فىلىپپىننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جىممى، كولومبىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كاۋرېللا، ئېفىيوپىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تافېررا، فىرانسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بەي يۈتاڭ، پېرۇنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بالارېزو، تۈركىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇسا، ۋانۇئاتۇنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لەي يۆياڭ، بۇرۇندىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىرامۇبونا، چادنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خاررىنا، سان مارىنونىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گالاسسى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى تو ياۋخۇي. شى جىنپىڭ يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جاڭ مىڭ بىلەن كۆرۈشتى.

  دۆلەت خېتىنى تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ بېيجىڭ زالىدا ئەلچىلەرگە كوللېكتىپ سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئەلچىلەرگە ئۆز دۆلەتلىرى، تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە خەلقلىرىگە بولغان ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن دوستلۇق مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئەلچىلەرنىڭ جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر چۈشىنىپ، دوستلۇق ئەلچىسى، ھەمكارلىق كۆۋرۈكى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەلچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللايدۇ ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆتكەن ئۈچ يىلدا، جۇڭگو خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تولىمۇ پەۋقۇلئاددە بولغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى. بۇ جەرياندا، جۇڭگو كۆپلىگەن دۆلەت ۋە خەلقنىڭ سەمىمىي ياردىمىگە ئېرىشتى، بىزمۇ ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق يەرشارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، تەقدىرداش بولۇش رىشتىمىزنى چىڭىتتۇق. جۇڭگو سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدۇ. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق نەپ ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك يەرشارىۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يۆنىلىشىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ يى، چىن گاڭ يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ