شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ چۇپپۇنىڭ بېنگالنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2023.04.25 09:34 مەنبە: خەلق تورى

  4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھەممەد شاھابۇددېن چۇپپۇغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بېنگال خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بېنگال بىلەن ئۆزئارا ئەنئەنىۋى دوست قوشنا دۆلەتلەر. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، دۆلەتلەر ئارا دوستانە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. مەن جۇڭگو - بېنگال مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ چۇپپۇ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، جۇڭگو - بېنگال ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ