مۇھىم خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر ۋاڭ خۇڭشىن ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلدى

2023.04.12 13:43 مەنبە: خەلق تورى

  ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر ۋاڭ خۇڭشىن قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن، ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  ۋاڭ خۇڭشىننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  ۋاڭ خۇڭشىن، ئەر، خەنزۇ، 1965-يىل 12-ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ جۇچېڭدىن، خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 1987-يىل 8- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1994-يىل 2-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى سودا باش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، باش دىرېكتورى، شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، قوشۇمچە شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى، شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيە سانائىتى (گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى، شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىرى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ