شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 12-شىسى بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى دېڭ شياڭدۇڭ قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن، ھازىر شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
دېڭ شياڭدۇڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
دېڭ شياڭدۇڭ، ئەر، خەنزۇ، 1971- يىل 11-ئايدا تۇغۇلغان، خۇنەن شاۋياڭدىن، 1997-يىل 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 2000-يىل 6-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىنژېنېر.
سانجى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، 12-شى قۇرۇلۇش (مۇھىت ئاسراش) ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلغان)، 12-شى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، 12-شى 1-ماي دېھقانچىلىق مەيدانى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى (خىزمەتلەرگە باشلامچىلىق بىلەن مەسئۇل بولغان)، 12-شى 1-ماي دېھقانچىلىق مەيدانى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى ، 12-شى بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ