مۇھىم خەۋەرلەر

قەشقەر ساقچىلىرى كۆچمە تېلېفون ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ «GOIP» تېلېگراف ئالدامچىلىق قىلىش دېلوسىنى پاش قىلدى

2023.04.11 12:03 مەنبە: خەلق تورى

  10- چېسلا، مۇخبىرنىڭ قەشقەر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا قەشقەر شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق بىر شايكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىتچىت قىلىپ 10 جىنايەت گۇماندارى، 25 يانفون، 3 قوش يۆنىلىشلىك ئۈنگە ئېلىش سىمى، 5 يانفون SIM كارتىسىنى قولغا چۈشۈرگەن، دېلوغا چېتىشلىق 19 مىڭ 269 يۈەننى تۇتۇپ قالغان.دېلو بېجىرگەن خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دېلو شىنجاڭدا پاش قىلىنغان تۇنجى كۆچمە تېلېفون، قوش يۆنىلىشلىك ئۈنگە ئېلىش سىمى ۋە يىراقتىن تىزگىنلەش يۇمشاق دېتالىدىن پايدىلىنىپ GOIP ئۈسكىنىسى ئورنىتىپ چېگرا سىرتىدىكىلەرنىڭ چېگرا ھالقىپ ئالدامچىلىق قىلىشىغا ياردەملەشكەن شايكا دېلوسى ئىكەن.

  2023-يىل 1-ئاينىڭ 8-كۈنى قەشقەر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى خۇاڭ × تىن 2023-يىل 1-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 13 تە 15700920570 نومۇردىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلغانلىقى، قارشى تەرەپنىڭ AK47 ئىچىملىكى زاكاز قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭغا ئىشىنىپ قېلىپ قارشى تەرەپ دېگەن سودىگەردىن بۇ ئىچىملىكنى سېتىۋېلىپ، 43 مىڭ يۈەنگە ئالدانغانلىقى توغرىسىدىكى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان.

  دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايەتلىك، قەشقەر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دېلو ئۇچۇرىنى تايانچ قىلىپ، ئالاقىدار ساقچى تۈرلىرىدىن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئۆز ئارا ماسلىشىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىككى ئايغا يېقىن چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش، مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق 2023- يىل 3-ئايدا جياڭ ×يۈن باشچىلىقىدىكى بورتالا شەھىرىگە يۇشۇرۇنغان تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى شايكىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتكەن.

  3-ئاينىڭ 25-كۈنى، خەلق ساقچىلىرى بورتالا شەھىرىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتىلدى، جىنايەت گۇماندارلىرى ئېقىپ يۈرۈپ دېلو سادىر قىلغانلىقتىن، بۇ دېلو بىڭتۈەن، كۆچمەنلەر ئىدارىسى، يەرلىك ج خ قاتارلىق ئۈچ تەرەپكە چېتىلغاچقا، ساقچىلار بورتالا شەھىرىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، كۆپ قېتىم ماسلاشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، بىڭتۈەن ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتى، چىڭدالا ساقچىخانىسى، خۇڭچياۋ ساقچىخانىسى قاتارلىق ئۈچ تەرەپ ساقچىلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشى ۋە ھەمكارلىشىشى بىلەن مەركەزلەشتۈرۈپ تور يىغىشنى ئورۇنلاشتۇدى. 3-ئاينىڭ 29-كۈنى دېلو بېجىرگۈچى ساقچىلار بورتالا شەھىرى دافېڭشياڭ مېھمانسارىيىدا جياڭ ×يۈن، ما ×، شى ×شياڭ، خۇاڭ ×كەي قاتارلىق يەتتە كىشىنى قولغا چۈشۈردى.

  قولغا ئېلىنغان نەق مەيداندا خۇاڭ ×كەي قاتارلىق يەتتە ئادەمنىڭ ئىككى يۈرۈش GOIP ئۈسكۈنىسىنى تىزگىنلەپ چېگرا سىرتىدىكى ئالدامچى ئۇنسۇرلار بىلەن ئالاقىلاشقانلىقى ھەمدە ئاۋازلىق سۆزلىشىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئىسپاتلاندى. چېگرا ئىچىدە كۆچمە تېلېفون، قوش يۆنىلىشلىك ئۈنگە ئېلىش سىمى ۋە يىراقتىن تىزگىنلەش يۇمشاق دېتالىدىن پايدىلىنىپ ئورنىتىلغان GOIP ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق چېگرا سىرتىدىكىلەرنىڭ خەۋەرلىشىشىنى ئارىدىن تۇتاشتۇرۇش، نومۇر ئالماشتۇرۇش بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ ئارقىلىق چېگرا سىرتىدىكىلەرنى يىراقتىن تىزگىنلەش، دۆلەت ئىچىدىكى نىشانلارغا تېلېفون ئۇرۇش، قىسقا ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ۋە يوللاش ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىش، سالاھىيىتىنى يوشۇرۇش، زەربە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش مەقسىتىگە يەتكەن.

  دېلونى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق 2022-يىل 12-ئايدىن 2023-يىل 3-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇش جەريانىدا بۇ شايكا سادىر قىلغان 7 تېلېگراف ئالدامچىلىقى دېلوسى بايقىلىپ، دېلوغا چېتىشلىق سومما 430 مىڭ يۈەندىن ئاشقان، كېيىنكى قەدەمدە مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى سوراق قىلىش ۋە دېلونى سېلىشتۇرۇش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىدۇ.

  2022-يىل 12-ئايدىن ھازىرغىچە، بۇ شايكا بورتالادىن 100 يۈەنلىك باھادا 17 دانە شەخسىي يانفون كارتىسى سېتىۋېلىپ، شىئەنگە ئېلىپ بېرىپ يۇقىرى باھادا سېتىپ تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا ئىشلەتكەن. قىسقىغىنە تۆت ئايدا جياڭ ×يۈن 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قانۇنسىز پايدا ئالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ