مۇھىم خەۋەرلەر

دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىگە مۇناسىۋەتلىك!

2023.04.10 14:40 مەنبە: خەلق تورى

  4-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى كاپالەت پۇلى ئېلېكتىرونلۇق سۇغۇرتا كېپىللىك خېتى سۇپىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئېلېكتىرونلۇق سۇغۇرتا كېپىللىك خېتى سۇپىسى» دېيىلىدۇ) ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ شىنجاڭنىڭ سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى «ئىش ھەققى»دە خاتىرجەم قىلىش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يەنە بىر تەدبىر.

  (4 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى شىنجاڭ «ئېلېكتىرونلۇق سۇغۇرتا كېپىللىك خېتى سۇپىسى»نى قوزغىتىش يىغىنى نەق مەيدانى.

  «دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى كاپالەت پۇلىنى نەق پۇل بىلەن ساقلاش كارخانىنىڭ مەبلەغ سوممىسىنى كۆپ ئىگىلىۋېلىش، دەۋرىيلىكى ئۇزۇن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېدى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئەمگەك رېۋىزىيەسى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى چېن چياڭ تونۇشتۇرۇپ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق يەتتە تارماق بىلەن بىرلىشىپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى كاپالەت پۇلىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى تارقىتىپ، ئېلېكتىرونلۇق سۇغۇرتا كاپالەت خېتى سۇپىسى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇنى نەق پۇلغا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى كاپالەت پۇلىنى ئامانەت قويۇشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ بېسىمىنى يېنىكلەتكەن ئىدى.

  ئېلېكتىرونلۇق سۇغۇرتا كېپىللىك خېتى سۇغۇرتا كېپىللىك قەغەز خېتىنىڭ ئۇچۇرلاشقان ئىسپاتى، كاپالەت پۇلىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ، سۇغۇرتا كېپىللىك قەغەز خېتى بىلەن ئوخشاش قانۇنىي كۈچكە ئىگە.

  بىر ئايغا يېقىن سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش ئارقىلىق ھازىرقى ئېلېكتىرونلۇق سۇغۇرتا كاپالەت خېتى سۇپىسى «ھۆكۈمەت بىر تۇتاش پىلانلاش، سۇپا كاپالىتى، پۇل مۇئامىلە ياردىمى، كارخانا مەنپەئەتلىنىش»تىن ئىبارەت باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، كارخانىلاردىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇش، سۇغۇرتا كاپالەت خېتى كېسىش، كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇشنى ئەنگە ئالدۇرۇش، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ئالدىن بېرىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت پۈتۈن جەرياننى توردا بېجىرىش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانىلار ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن، سۇپا ئارقىلىق مۇناسىپ بانكا، سۇغۇرتا ئاپپاراتىنى ئۆز ئالدىغا تاللاپ، بانكا كېپىللىك خېتى، كاپالەت سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىش ھەققى كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلسا بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 13-كۈنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش باشلانغاندىن بۇيان، بۇ سۇپا 203 سۇغۇرتا كاپالەت خېتى يىغىپ، كارخانىلارنى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ 220 مىليون يۈەن ئىش ھەققى كاپالەت پۇلىنى ساقلاش غېمىدىن خالاس قىلغان.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ 2-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى سۈن رۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېلېكتىرونلۇق سۇغۇرتا كاپالەت خېتى سۇپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، جايلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى سۇپا مەشغۇلاتىنى ئىشلىتىش بويىچە تەربىيىلەشنى كۈچەيتىپ، ئېلېكتىرونلۇق سۇغۇرتا كاپالەت خېتى سۇپىسىنىڭ تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇن تەشۋىقاتى، سىياسەت جەھەتتىن تەربىيىلەشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ كاپالەت پۇلى سۇغۇرتىسى كاپالەت خېتىنى تاپشۇرۇش ئۇسۇلى، نىسبىتى، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتارلىقلارغا ئۆلچەملىك يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2023-يىلى دېھقان ئىشلەمچىلەرنى «ئىش ھەققى»دە خاتىرجەم قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش ئەمەلىي قۇرۇلۇشىنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇشىغا پۇختا ئاساس سالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ