مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2023-يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئوغۇللار 1000 مېتىر ۋە قىزلار 800 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

2023.04.10 14:31 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، بىڭتۈەن مائارىپ ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 2023-يىللىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيەسى سىنىقى تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق ئىمتىھانىنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇنىڭدا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2023 -يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەنتەربىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىنىڭ نەق مەيدان سىناق تۈرى ئەسلىدىكى بەش تۈردىن تۆت تۈرگە تەڭشىلىپ، يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىغا بولغان تەلىپى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان چىدامچانلىق تۈرىدىن ئوغۇللارنىڭ 1000 مېتىر ۋە قىزلارنىڭ 800 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرى ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، قالغان تۈرلەر نورمال ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى تەڭشەش يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىۋاتقان مەزگىلىدىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە ئەگەر قاتتىق ھەرىكەت قىلسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك زەخىملىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش مۇمكىنچىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، باشقا ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ تەجرىبە ۋە ئۇسۇللىرىنى ئۆرنەك قىلىش ئاساسىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، بىرىنچى سەپتىكى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى، كەڭ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلاردىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، بىردەك قوشۇلۇپ چىقىرىلغان قارار.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2022-يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى 7 -يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش سەۋىيەسى سىنىقى تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق ئىمتىھانىنىڭ جەريان خاراكتېرلىك باھالىشىغا قارىتا، 1-ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى تەن ساپاسىنى تەكشۈرۈش (4 نومۇر)، 2-ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى كۈندىلىك قاتنىشىش (0.5 نومۇر)، مەخسۇس ھەرىكەت ماھارىتى (1 نومۇر)، تەنتەربىيە پائالىيىتى مۇسابىقىسى (0.5 نومۇر) قاتارلىقلارغا تولۇق نومۇر (6 نومۇر) بويىچە نومۇر بېرىلىدۇ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيەسى سىنىقى تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق ئىمتىھانىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، قايتا باھالانمايدۇ ۋە سىناق ئېلىنمايدۇ. باشقىلىرى يەنىلا «< شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيەسى سىنىقى تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق ئىمتىھانى لايىھەسى >، < شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيەسى سىنىقى گۈزەل سەنئەت ئىمتىھانى لايىھەسى >، < شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئۆقۇش سەۋىيەسى سىنىقى مۇزىكا ئىمتىھانى لايىھەسى > نى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ( يېڭى قائىدە [ 2021 ] 14-نومۇرلۇق ) ھۆججىتى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە ئىمتىھانىنىڭ كونكرېت تەشكىللىنىشىنى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى، بىڭتۈەندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇپ يولغا قويىدۇ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى، بىڭتۈەندىكى ھەرقايسى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىمتىھان ۋاقتىنى بېكىتىپ، 2023-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن سىناق خىزمىتىنى تاماملايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ