مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىمتىھاننى توختىتىش ئۇقتۇرۇشى!

2022.11.23 23:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  شىنجاڭنىڭ 2022-يىلى 12-ئايدىكى مەملىكەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانىنى توختىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

  شىنجاڭنىڭ ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ھەم ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئىمتىھان خىزمەتچىلىرىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىۋېرسال تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش ئارقىلىق، ئەسلىدە 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە ئېلىنىشقا كېچىكتۈرۈلگەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2022-يىلى 9-ئايدىكى مەملىكەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانىنى توختىتىش قارار قىلىندى.

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ بۇ قېتىم تاپشۇرغان ئىمتىھان ھەققى 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن كېيىنكى 30 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئەسلىدىكى چىقىم ھېساباتىغا تولۇق قايتۇرۇلىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ھەق قايتۇرۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز. ئاپتونوم رايون بويىچە 2022-يىلى 3-ئايدا مەملىكەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ 4-دەرىجىلىك پەنلىرىدە «لاياقەتلىك» بولغان ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان ھەمدە مۇناسىپ 3-دەرىجىلىك پەن ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 4-دەرىجىلىك پەن نەتىجىسىنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى كېلەر قېتىملىق ئىمتىھانغا ئۇزارتىلدى. باشقا ئىشلاردا ئىمتىھانغا تىزىملىتىش نۇقتىسىدىن مەسلىھەت سوراشقا بولىدۇ (مەسلىھەت سوراش تېلېفون نومۇرى تۆۋەندە قوشۇمچە قىلىندى).

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 2023-يىلى مەملىكەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانىغا تىزىملاتسا بولىدۇ، تىزىملىتىش ۋاقتى ۋە ئالاقىدار ئىشلارنى ۋاقتى كەلگەندە شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان يۇرتى ھۆكۈمەت تور بېكىتى «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» (www.xjzk.gov.cn) ۋە «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن كۆرۈڭ.

  ئىمتىھاننى توختىتىش كەڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ كەلگەن قولايسىزلىقتىن كەچۈرۈم سورايمىز. ھەر قايسى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت! ئالاھىدە ئېلان قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ