مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، يۇقۇم كۆلىمى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى

2022.11.23 23:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جېڭ دېلۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  ھازىر، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، يۇقۇمنىڭ كۆلىمى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈرىشىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. لېكىن يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرى يەنىلا مەۋجۇت، يەنىلا ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى رايونلاردا يەنە خەۋپ-خەتەرنى ئىلغاپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىشقا توغرا كېلىدۇ، خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن رايونلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نەتىجىلىرى تېخى پۇختا ئەمەس. ئۈرۈمچى شەھىرى زىچ ئۇچراشقان خادىملارنى تېز سۈرئەتتە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە يۆتكەپ توشۇشتا چىڭ تۇرىدۇ ھەم خەۋپ-خەتەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن خەۋپ-خەتەر رايونىنى قايتىدىن بېكىتىپ، باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ