مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

20- قۇرۇلتايدىكى چاغلار / غەيرەت ئاسىم: تېخىمۇ كۆپ دەۋرگە خاس ياخشى ئەسەرلەرنى تېرىشىپ ئىجاد قىلىمەن

2022.10.18 15:09 مەنبە: خەلق تورى

  10- ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى غەيرەت ئاسىم مۇنداق دېدى: «ئىككى كۈندىن بۇيان، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلار ھەر ۋاقىت قەلبىمنى چىرمىۋالدى، بۇ بىز ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت يۆنىلىشىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئاشۇردى.

  20- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئەخلاق ۋە سەنئەتتە كامالەتكە يەتكەن زور بىر تۈركۈم ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرنى ۋە كۆلىمى زور مەدەنىيەت-سەنئەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ بايانلار ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قەلبىگە ياقتى. تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، دەۋرگە رىشتە باغلىغاندىلا ئاندىن ھېسسىياتلىق، تەسىرلىك رېئالىزملىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغىلى بولىدۇ». غەيرەت ئاسىم يەنە مۇنداق دېدى: مەسىلەن، 10-نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رومان «گەپ يەتكۈزۈش»، 8-نۆۋەتلىك لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ھېكايە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «ئاۋۇسچىدا» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خەلق ئاممىسىدىن ئوزۇق ئېلىپ ئىجاد قىلىنغان.

  غەيرەت كۆپ يىللاردىن بۇيان توختىماي قەلەم تەۋرىتىپ، ئەدەبىيات ئارقىلىق دەۋر مۇساپىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىغا كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ يېقىندا ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن بىللە غىزالىنىپ، بىللە يېتىپ-قوپۇپ، نۇقتىدا تۇرۇپ، زىيارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، «بۇلبۇل سايرىغان سەھەر» ناملىق رومانىنى تاماملىدى. بۇ روماندا چېگرا شەھەرنىڭ دۇب دەرىخى كوچىسىدىكى ھويلىلىق قورۇ ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ، سالامەت موماينىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ۋە ھەر مىللەت قوشنىلىرىنىڭ ئىناق ئۆتۈپ، گۈزەل تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولغانلىقىدەك ھېكايە بايان قىلىنغان.

  ھازىر غەيرەت يېڭى ئەسەر ئىجاد قىلىشقا كىرىشىۋاتىدۇ، بۇ قېتىم ئۇ نەزىرىنى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىن كەلگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا قاراتتى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز يازغۇچىلار پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدىن زىممىمىزدىكى تارىخىي بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى تونۇپ يېتىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دەۋرگە خاس مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى تىرىشىپ ئىجاد قىلىپ، خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىنى يېزىشىمىز ۋە خاتىرىلىشىمىز كېرەك».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ