مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە ۋەكىللىرى يولى / زۇلھايات ئىسمائىل: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بەختلىك تۇرمۇشتىن باراۋەر بەھرىمەن بولدى

2022.10.18 15:06 مەنبە: خەلق تورى

  10- ئاينىڭ 16- كۈنى ئەتىگەندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20- قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، تۇنجى مەيدان «پارتىيە ۋەكىللىرى يولى» ئېچىلدى.

  20-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، قەشقەر داشۆسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى زۇلھايات ئىسمائىل مۇنداق دېدى: مەن يېقىندا جەنۋەدىن قايتىپ كەلدىم، جۇڭگولۇق تەتقىقاتچى سالاھىيىتىم بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قاتنىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى سۆزلەپ بەردىم، ئۆتكەن ئون يىلدا شىنجاڭنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم بىر قاتلىنىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى بىخەتەر، مۇقىم، تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشتىن باراۋەر بەھرىمەن بولىدۇ.

  بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ئابستراكت سان ۋە ئۇقۇم بولۇشى مۇمكىن، لېكىن مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ، مۇشۇ يەردە چوڭ بولغان ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ئۆزگىرىش. مەن ئاۋۋال بىز ئۇزاق مۇددەت ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان بىر مىسالنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى، بۇ ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىدىكى بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ھىكايىسى، ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن شۇ جايدىكى كەسپىي مەكتەپتە كەشتىچىلىكنى ئۆگەندى، كېيىن ئۈرۈمچىدىكى بىر كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا شاگىرت بولدى، ھازىر ئۇ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەبلەغ سىياسىتى ۋە تېخنىكا جەھەتتىن قوللىشى بىلەن ئۆزىنىڭ كەشتىچىلىك زاۋۇتىنى قۇرۇپ، شۇ جايدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنى رەڭدار تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلىدى.

  بەلكىم مېنىڭ كەسپىم نۇقتىسىدىن شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزەتسەم تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. ئۆتكەن ئون يىلدا، شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، بىلىم ئارقىلىق تەقدىرنى ئۆزگەرتىشتەك تەسىرلىك ھېكايىلەر كۆپەيدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭلىق بالىلار شىنجاڭدىن چىقىپ ئوقۇش يولىغا قەدەم باستى، شۇنىڭ بىلەن بىللە باشقا ئۆلكىلەردىن كەلگەن تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭغا كېلىپ ئوقۇشنى تاماملىدى. بىر ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدا كۆپ مىللەتتىن بولغان ساۋاقداشلار بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ياشاپ، بىللە كۆڭۈل ئاچالايدۇ. مەن ھازىر خىزمەت قىلىۋاتقان قەشقەر داشۆسىدە كۆپچىلىك ھەرقانداق بىر مەكتەپ ئاشخانىسىغا كىرسە كۆپ مىللەتنىڭ ئېسىل تائاملىرىنى تېتىيالايدۇ، بەزى ئاشخانىلار ھەتتا تور چولپانلىرى كېلىپ تۇرىدىغان جايغا ئايلاندى.

  ئۆتكەن 10 يىلدا پەن-تېخنىكا قۇرۇلۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەردىنلا شىنجاڭدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، مەسىلەن تىلشۇناسلىق، ئەشيا ئوبوروتى، ئېلىكتىرونلۇق سودا قاتارلىق بىر قىسىم كەسپلەر بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. چۈنكى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات چوڭ ئىستراتېگىيەسى شىنجاڭنى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندۇردى، شىنجاڭ ئۆزگىچە بايلىق، كەسىپ، جۇغراپىيە ۋە مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم ئەشيا ئوبوروت مەركىزى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يىغىش-تارقىتىش ئورنىغا ئايلاندى. مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، نەچچە ئون مىڭلىغان ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ شىنجاڭدا كىشىلىك ھايات سەھنىسىنى تاپقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. ئەتراپىمدا بۇنداق ھېكايىلەر ناھايىتى كۆپ، كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ھەقىقىي شىنجاڭنى كۆرۈپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز. مەن شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن، كۆپچىلىكنىڭ گۈزەل شىنجاڭغا كېلىپ مېھمان بولۇشىنى قارشى ئالىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ