مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بوھتان چاپلاش، قارا چاپلاش شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ

2022.01.17 10:57 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو شىنجاڭ − سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

  بوھتان چاپلاش، قارا چاپلاش شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ

  1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، شىنجاڭ مەملىكەت سىرتى بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى ئۈرۈمچىدە جۇڭگو شىنجاڭ − سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا سىنلىق ئۇلىنىش ئارقىلىق «بۇلۇتتا جەم بولۇپ»، شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان ۋە كىشىلەرنىڭ خاتىرجەم ياشاۋاتقان، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشىنى ھېس قىلدى، ئىككى جايدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلار سېغىنىش ھېسسىياتىنى قانغۇچە ئىپادىلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى توختى ياقۇپ مۇنداق تونۇشتۇردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. لېكىن يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بەزى رەزىل غەرەزلىك كىشىلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىدەك پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاتالمىش شىنجاڭ «جازا لاگېرى» تەسىس قىلدى، «كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا «مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش» ئېلىپ باردى، «ئىرقىي يوقىتىش»نى يولغا قويدى قاتارلىق يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى تەرەپ - تەرەپكە تارقاتتى. ھەرقايسى چياۋمىن قېرىنداشلار، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى تېخىمۇ كۆپ خەلق ئاممىسىغا جۇڭگو ھېكايىسى، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگونىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ 2 - دەرىجىلىك ئەلچى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى ۋۇ يى مۇنداق بىلدۈردى: سىن ئارقىلىق بىز ھەقىقىي شىنجاڭنى كۆردۇق، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ سۇپا ۋە پۇرسەت ئارقىلىق شىنجاڭنى چوڭقۇر، ئومۇميۈزلۈك، ئىستېرېئولۇق چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  «2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مەن مۇكاپات پۇلىدىنلا يۈز نەچچە مىڭ يۈەن ئالدىم» دېدى قەشقەر جياڭگوگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىش دىرېكتورى پەرھات ئابلاجان پەخىرلەنگەن ھالدا. 27 ياشلىق بۇ يىگىت ئۈچ يىلدىن كۆپرەك تىرىشىش ئارقىلىق شىركەت مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزاسى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز تىرىشىش ئارقىلىق بەختلىك تۇرمۇش ياراتتۇق، بۇنىڭغا ھېچقانداق كىشىنىڭ مەجبۇرلىشى كەتمەيدۇ».

  ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ئەسلىدىكى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى ئابلىز ئوبۇل مۇنداق دېدى: «چېگرا سىرتىدىكى بەزى كىشىلەر تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى <جازا لاگېرى> دەپ بىلجىرلاپتۇ، بۇ پۈتۈنلەي يالغان - ياۋىداق سۆز، تەلىم - تەربىيە مەركىزى مېنى ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ پاتقىقىدىن تارتىپ چىقاردى ھەم مېنىڭ تەقدىرىمنى ئۆزگەرتتى».

  ئاقچى ناھىيەسىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى «ماناس»نىڭ ۋارىسى مۇختەربېك دۈشەنباي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى «ماناس» ئېيتتى. ئۇ ھەمىشە قىرغىز ئاممىسىنىڭ توي مۇراسىملىرىدا «ماناس» ئېيتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىناتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «<ماناس> ئۇزاق شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى، مەن ۋارىسلىق قىلغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن».

  «باشقىلار شىنجاڭ توغرىسىدا سورىسا، مەن پەخىرلەنگەن ھالدا يۇرتۇمدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن بەختلىك» دەپ ئېيتىمەن. ئىسلام تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئالىي ئىقتىسادچىسى تۇرغان ئەلى مۇنداق دېدى: ھەرقېتىم يۇرتۇمغا قايتقىنىمدا، يۇرتۇمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرىمەن، يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىپتۇ، يېزا - كەنتلەرمۇ بارغانسېرى گۈزەللىشىپتۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئاشۇ رەزىل غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ بوھتان چاپلىشى، قارا چاپلىشى شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ.

  ئۈرۈمچىدىكى ما جۇڭمېي سەئۇدى ئەرەبىستانى minimax ئوت ئۆچۈرۈش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ما جۇڭچۇەن بىلەن سىنلىق ئۇلىنىش قىلغاندا: «ئىنىم، ئۇ يەردە شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەنلىكى، تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆپرەك سۆزلە، بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىمىزدەك پاكىت ئارقىلىق شىنجاڭغا قارىتىلغان ئاشۇ يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى ئېچىپ تاشلا» دەپ تاپىلىدى.

  شىنجاڭ مەملىكەت سىرتى بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى پۇ شۆمېي مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ مەملىكەت سىرتى بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى تۈرلۈك چياۋمىنلار مۇلازىمەت خىزمىتىنى ئىلگىرىكىدەكلا ياخشى ئىشلەپ، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى كۆپرەك ئاڭلاپ، كۆپچىلىكنىڭ غەم - ئەندىشىسى، قىيىنچىلىقىنى كۆپلەپ ھەل قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ