مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى يەتتە ئايدا، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر ـ بازارلاردا يېڭىدىن 356 مىڭ 200 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى

2021.09.24 09:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى ئاچقان «ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش» تېمىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 7 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر ـ بازارلاردا 356 مىڭ 200 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىنىڭ %77.43ى تاماملىنىپ، شەھەر ـ بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر 24 سائەت ئىچىدە ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈلگەن.

  «3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر راخمانجان داۋۇت مۇنداق تونۇشتۇردى: نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش ـ يۆلەشنى سىجىل ياخشى ئىشلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاتارلىق ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ «مىقدار» ۋە «سۈپەت» جەھەتتە ئورتاق راۋاجلىنىشىنى ئالغا سىلجىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلارنى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى ھەم تۈرلۈك ۋەزىپە كۆرسەتكۈچلىرىنى قاتلاممۇقاتلام مىقدارلاشتۇرۇپ تەقسىملىدى.

  نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر قەتئىي ھالدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، كۆپ تەرەپلىمە، كۆپ شەكىل ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇر مۇلازىمىتى شەكلى، ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ۋىيشىن، ۋېيبو، يان تېلېفون APP سى قاتارلىق تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى جىپسىلاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى دەل جايىدا تەقسىملەپ ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى كۆپ خىل يول، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئىلگىرى سۈردى. ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشنى قاتتىق ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلار ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر ئەزالىرىغا «بىرگە بىر» ياردەم بېرىش ـ يۆلەش ۋە «ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلە»لەرنى ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنى دائىملاشتۇرۇپ يولغا قويدى.

  بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. 7 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا قانات يايدۇرۇلغان تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشتە جەمئىي 693 مىڭ 600 ئادەم قېتىم تەربىيەلىنىپ، پۈتۈن يىللىق 1 مىليون 100 مىڭ ئادەم قېتىملىق نىشان ـ ۋەزىپىنىڭ %63.05ى تاماملىنىپ، ۋاقىتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە، ۋەزىپىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تاماملاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ