خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى: يېقىندىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى دىلشاد روزى كورلا شەھىرىنىڭ يېزا-بازارلىرىغا بېرىپ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تونۇشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.
سۈرەتتە: دىلشاد روزى 28-ئۆكتەبىر يېڭشەر يېزىسىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى» تېمىسىدا لىكسىيە سۆزلىمەكتە
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى