مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكىنىڭ كۇبانى قامال قىلىش جازاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز

2024.05.30 16:00 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 5-ئاينىڭ 29-كۈنى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: يېقىندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كۇبانى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە ھەمكارلاشمايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى»دىن چىقىرىۋېتىپ، «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى»گە كىرگۈزدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟

  ماۋ نىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۇبانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رودرىگىس ئېيتقاندەك، ئامېرىكا ھەممىگە ئايان بولغان ئىشنى ئېتىراپ قىلدى: كۇبا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىدۇ. جۇڭگو كۇبانىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا قايىل، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ كۇبانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا، كۇباغا سىياسىي بېسىم ۋە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  ماۋ نىڭ يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپى ھەمدە خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانى بويىچە ئامېرىكا بىلەن كۇبانىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىپ، كۇبانى قامال قىلىش جازاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنى سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا، ئامېرىكا قىتئەسى رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ