شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئابىنادىرنىڭ دومىنىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى
2024.05.27 08:57 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
5 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لۇئىس ئابىنادىرغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، جۇڭگو ـ دومىنىكا مۇناسىۋىتىدە پائال تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشماقتا، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا قويۇق ماسلىشىشنى ساقلاپ كەلدى. مەن جۇڭگو ـ دومىنىكا مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئابىنادىرنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلغانلىقىنى ئالقىشلايمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو ـ دومىنىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ