«شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2024.05.28 09:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت ـ ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىنتىزامنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇشى، ئاخىرغىچە قاتتىق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنتىزام قانۇندىن قاتتىق بولۇش، ئىنتىزام ئىجراسى بىلەن قانۇن ئىجراسىنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت خىل ھالەت»تىن پايدىلىنىش سىياسەت تەدبىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قائىدىسىنى ئېنىق تۇرغۇزۇپ، چىڭىتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا كەڭ قول بولۇش، بوش بولۇش، يۇمشاق قول بولۇش ئەھۋالىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە قارىتا قاتتىق بولۇش تەلىپىنى پارتىيە قائىدىسىنى تۈزۈش، پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسى، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشقا يېتەكلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىنتىزام، قائىدىنى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇردى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ نىشانىنىڭ بىردەك بولۇشى، بىردەك ئىتتىپاقلىشىشى، قەدىمىنىڭ بىردەك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «بايانلاردىن ئۈزۈندە» ئون مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، جەمئىي 329 بۆلەك بايان بار بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 ـ يىلى 11 ـ ئايدىن 2024 ـ يىلى 4 ـ ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، ئىزاھاتى، ماقالىسى، يوليورۇقى قاتارلىق 130 پارچىدىن ئارتۇق مۇھىم ھۆججەت ـ ئەسىرىدىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ