جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 5-ئاينىڭ 29-كۈنى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلىنكىن جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ بەش تۈرلۈك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە ھەرقايسى قاتلام دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىنى ساقلاشقا قوشۇلغانلىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باياناتچى يېقىنقى مەزگىلدە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسى ياكى ھەرقايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارىتى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز بولامدۇ؟
ماۋ نىڭ: ئامېرىكىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ما چاۋشۈ 5-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدۇ، ئامېرىكىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسۇل مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كامبېل بىلەن كېڭىشىدۇ ھەمدە ئامېرىكىدىكى ھەر ساھە زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ ۋە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ