مۇھىم خەۋەرلەر

يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققىنى 30/50 يۈەنگە چۈشۈرۈش 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ

2024.05.30 15:55 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ توردا زاكاز قىلىش سۇپىسىدىن ئىگىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، سۇپا خېبېي ئاۋىياتسىيەسىنىڭ «2024-يىل 6-ئاينىڭ 5-كۈنى (بېلەت كېسىلگەن ۋاقىت)دىن باشلاپ قۇرامىغا يەتكەن يولۇچىلاردىن 800 كىلومېتىردىن يۇقىرى لىنىيەدە 50 يۈەن يېقىلغۇ قوشۇمچە ھەققى ئېلىنىدۇ، 800 كىلومېتىردىن تۆۋەن لىنىيەدە 30 يۈەن يېقىلغۇ قوشۇمچە ھەققى ئېلىنىدۇ» دېگەن خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالغان. تەڭشەشتىن بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 20 يۈەن ۋە 10 يۈەن تۆۋەنلىگەن. چوڭلارنىڭ ئادەتتىكى بېلەت باھاسىنىڭ %10ى بويىچە ھېسابلىنىدىغان بوۋاقلاردىن يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ئېلىنمايدۇ.

  يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققىنى تۆۋەنلىتىش دۇەنۋۇ بايرىمىدا ساياھەتكە چىقىش تەننەرخىنى ئازايتىشقا پايدىلىق.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ