مۇھىم خەۋەرلەر

توققۇز تارماق: پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىدىكى ساختىلىققا چېتىشلىق ئىشلارنى مەخسۇس تۈزەش قانات يايدۇرۇلىدۇ

2024.05.30 15:54 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق توققۇز تارماق يېقىندا بىرلىكتە «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىدىكى ساختىلىققا چېتىشلىق ئىشلارنى مەخسۇس تۈزەش خىزمەت لايىھەسى»نى تارقىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيەت كىنىشكىسىدىكى ساختىلىققا چېتىلىدىغان ئىشلارنى مەخسۇس تۈزەشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدىكەن.

  بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىدىكى ساختىلىققا چېتىشلىق مەسىلىلەر كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىگە ئېغىر، زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ئېلىپ كەلدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەسىپكارلارنىڭ ساختا گۇۋاھنامە ياكى كىنىشكىسىز ھالدا بەلگىلىمىگە خىلاپ مەشغۇلات قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ھادىسىلەر كەينى-كەينىدىن يۈز بەردى.

  بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىدىكى ساختىلىققا چېتىشلىق مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئالاقىدار گۇۋاھنامىلەردىكى ساختىلىققا چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى قاتارلىق توققۇز تارماق بىرلىكتە «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيەت كىنىشكىسىدىكى ساختىلىققا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەش خىزمەت لايىھەسى»نى تارقاتتى. «لايىھە» تارقىتىلغان كۈندىن 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىدىكى ساختىلىققا چېتىشلىق ئىشلارنى مەخسۇس تۈزەش تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ