5-ئاينىڭ 24-كۈنى 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا دېڭىز-ئوكيان ئىشلىرى كېڭىشى ۋىدىيو شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى چېگرا ۋە دېڭىز-ئوكيان ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى خۇڭ لياڭ ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ جۇڭگو ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرغۇچىسى، شەرقىي ئاسىيا ئىدارىسىنىڭ ياردەمچى باش كاتىپى لامبېرت بىلەن بىرلىكتە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئىككى تەرەپ دېڭىز ۋەزىيىتى ۋە دېڭىزغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سۆھبەت ۋە ئالاقىنى ساقلاپ، خاتا چۈشەنچە ۋە خاتا ھۆكۈمدىن ساقلىنىپ، دېڭىز خېيىم-خەتىرىنى كونترول قىلىشقا قوشۇلدى. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش قىلمىشىغا قاتتىق نارازى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئامېرىكىنى جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگو بىلەن قوشنا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز تالاش-تارتىشىغا ئارىلاشماسلىققا، گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇپ «دېڭىز ئارقىلىق جۇڭگونى تىزگىنلەش»كە، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىققا دەۋەت قىلدى.
جۇڭگو تەرەپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىر جۇڭگو پىرىنسىپى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ دېڭىزغا چېتىشلىق سۆھبىتىنىڭ مۇھىم ئاساسى. بۇ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئەڭ چوڭ تەھدىت. ئامېرىكا «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا يول قويۇشنى دەرھال توختىتىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىماسلىق ۋەدىسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ