شى جىنپىڭ كارخانىچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى قاتناشتى

2024.05.24 15:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىدە كارخانىچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىدە كارخانىچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت مەركىزىي ۋەزىپە بېكىتىلدى. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىممەت يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شەكىل ۋە ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىپ، مەركىزىي ۋەزىپىنى ئورۇنداش، ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ مىڭشېڭ، شېنجېن شەھىرى يېڭىلىق يارىتىشقا مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى زو دىڭ، ئەنتا تەنتەربىيە بۇيۇملىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى دىڭ شىجۇڭ، جېجياڭ چۇەنخۇا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شۈ گۇەنجۈ، گېرمانىيە بوشى (جۇڭگو) مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى شۈ داچۇەن، شياڭگاڭ فېڭشى گۇرۇھىنىڭ رەئىسى فېڭ گوجىڭ، بېيجىڭ داشۆ دۆلەت تەرەققىيات تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى جوۋ چىرېن، جۇڭگو ماكرولۇق ئىقتىساد تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ خەنچۇەن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىقتىساد ۋە سىياسىي تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ بىن قاتارلىق توققۇز كارخانا ۋە مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىلى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەۋەككۈل سېلىنمىنى راۋاجلاندۇرۇش، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، پۇقراۋى كارخانىلارنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، شياڭگاڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىسلاھاتتىن ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ماكرولۇق ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپ بەردى. سۆز قىلىش جەريانىدا، شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن، جانلىق بولدى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى زور تەدبىر چىقارغاندا، مۇھىم ھۆججەتلەرنى تۈزگەندە، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلىدى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئىزچىل ئۇسۇلى ۋە ئېسىل ئەنئەنىسى. كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويغان يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئالاقىدار تەرەپلەر ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىسلاھات تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى كۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى چىڭ كۆزلەپ، نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئاتلىنىپ، مەسىلىگە قادىلىپ تۈزىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا توسالغۇ بولۇۋاتقان ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزمدىكى نۇقسانلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە - مېخانىزمدىكى توسالغۇلار ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش ۋە ئۇنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئاساسىي زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى تۇتۇش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، ماكرو ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش، شەھەر - يېزىلارنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە قوللاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەت ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ، ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىسنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشتا رېئال ئېھتىياجنى چىقىش قىلىپ، ئەڭ تەخىرسىز ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باشقا ساھەلەردىكى ئىسلاھاتتىمۇ دىققەتنى پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى پىلانلاپ، تۇتقىنى تۇتۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئېچىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز، ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر. خەلقنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى، تۈپ مەنپەئىتى، ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ ئىسلاھاتنى پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش، مەكتەپكە كىرىش، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، ئىش بېجىرىش، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش ھەم ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى قاتارلىق پۇقرالار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەر ئىچىدىن ئىسلاھاتنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى دەل جايىدا تېپىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئالدىراۋاتقان، خەلق ئارزۇ قىلىۋاتقان بەزى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى كۆپرەك ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشقان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھاتتا بىكار قىلىشمۇ، ئورنىتىشمۇ بولىدۇ، قائىدە بويىچە ئىش قىلغاندا ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ كۆپ ئىش قىلغىلى بولىدۇ، قائىدە بويىچە ئىش قىلمىغاندا كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپمۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، ھەتتا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ. توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھاتتا مەيلى قانداق ئىسلاھ قىلىشتىن قەتئىينەزەر، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق دېموكراتىيە دېكتاتورىسىدا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق تۈپ نەرسىلەردىن قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئىسلاھ قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى، ئىسلاھ قىلىشقا بولىدىغانلىرىنى ياخشى ئىسلاھ قىلىپ، جايىدا ئىسلاھ قىلىپ، ئايدىڭلاشتۇرغان ھامان قەتئىي تەۋرەنمەي تۇتۇش كېرەك. ئىسلاھاتتا سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشى ۋە سىستېمىلىق تەپەككۇرى بىلەن پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ماسلاشتۇرۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەپ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، ھەركىم ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىش، بىر - بىرىگە پۇتلىكاشاڭ بولۇش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. ئىسلاھاتتا پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ ھەم ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، تېخىمۇ پۇختا، سالماق بولۇپ، ئالدىنقى تەرتىپنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋاقىت، ئۆلچەم، ئۈنۈمنى ئىگىلەپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق كېرەك.

  لى گەنجيې، خې لىفېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار، دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن مەبلىغىدىكى كارخانىلار، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ