5 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ئامېرىكا ساياھەت يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبىتىنىڭ باشلانغانلىقىغا خەت ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇلىنى خەلق سالغان، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ دەرۋازىسىنى خەلق ئاچقان، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ھېكايىسىنى خەلق يازغان، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىنىمۇ مۇقەررەركى ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئورتاق يارىتىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ساياھەت جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈشىدىكى مۇھىم كۆۋرۈك. ئامېرىكىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ساياھەت قىلىپ، جۇڭگولۇق دوستلار بىلەن تونۇشۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىپ، گۈزەل تاغ ـ دەريالاردا سەيلە ـ ساياھەت قىلىپ، ھەقىقىي جۇڭگونى بىۋاسىتە ھېس قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. ئىككى دۆلەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ بۇ قېتىمقى يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبىتىنى پۇرسەت بىلىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ساياھەت ھەمكارلىقى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بېرىش ـ كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگو ـ ئامېرىكا دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «سان فىرانسىسكو مەنزىلى»نى ئەمەلىي مەنزىلگە ئايلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
14 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ئامېرىكا ساياھەت يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبىتى شۇ كۈنى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە باشلاندى، باش تېمىسى «ساياھەت ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» بولۇپ، جۇڭگو مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، شەنشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا ساياھەت كېڭەيتىش ئىدارىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ