شى جىنپىڭ جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر كەسىپ ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى
2024.05.24 15:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر كەسىپ ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دوستانە ئالاقىسى مىڭ يىلدىن ھالقىغان بولۇپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە. 2022 - يىلى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگو بىلەن دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى. جۇڭگو بىلەن دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كەسىپ ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە كەلگۈسى يىرىك پىلانى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئورتاق يېتىلدۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. جۇڭگو دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشنى خالايدۇ.
جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر كەسىپ ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق مۇنبىرى شۇ كۈنى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھىرىدە باشلاندى، باش تېمىسى «كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو بىلەن دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر كەسىپ ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش» بولۇپ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، فۇجيەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ