كۆپ دۆلەت ۋەكىللىرى دۇنيا سەھىيە يىغىنىنىڭ تەيۋەنگە چېتىشلىق تەكلىپنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلىش قارارىنى قوللىدى
2024.05.29 15:15 مەنبە: خەلق تورى
بۇ 5-ئاينىڭ 27-كۈنى شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 77-نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە يىغىنىنىڭ نەق مەيدانىدىن تارتىلغان سۈرەت.
77-نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە يىغىنى 27-چېسلا جەنۋەدە ئېچىلدى. يىغىن شۇ كۈنى قارار چىقىرىپ، بىر قىسىم دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش «تەيۋەننى كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىدە دۇنيا سەھىيە يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىش» تەكلىپىنى يىغىن كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشنى رەت قىلدى. كۆپ دۆلەت ۋەكىللىرى شۇ كۈندىكى يىغىن قارالمىلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، دۇنيا سەھىيە يىغىنىنىڭ تەيۋەنگە چېتىشلىق تەكلىپنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلىش قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ