جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ 190 ناھىيە تەۋەسىدىكى ۋاكالەت ئاپپاراتىغا 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋىۋىسكا ئېسىلدى
2024.05.29 15:15 مەنبە: خەلق تورى
مەركىزىي بانكا تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى»دىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، جۇڭگو خەلق بانكىسى ناھىيە (شەھەر) لىك تارماق بانكىلارنى ساقلاپ قالماي، ئالاقىدار فۇنكسىيەلىرىنى ۋىلايەت، شەھەرلىك شۆبە بانكىلارغىچە مەركەزلەشتۈرۈپ، چېگرا ياكى تاشقى سودا، تاشقى پېرېۋوت راسچوت قىلىش، سېتىش كەسىپ مىقدارى كۆپ رايونلارغا قارىتا، ۋىلايەتلىك، شەھەرلىك شۆبە بانكىلارنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئالاقىدار باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلدى. 2024-يىل 5-ئاينىڭ 28-كۈنى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ناھىيە تەۋەسىدىكى 190 ۋاكالەت ئاپپاراتىغا ۋىۋىسكا ئېسىلدى.
كېيىنكى قەدەمدە، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ناھىيە تەۋەسىدىكى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن-سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەۋەلىكىدىكى پۇل سىياسىتى ۋە ماكرولۇق ئېھتىياتچان باشقۇرۇشنى ياخشى يولغا قويۇپ، خەلق پۇلىنى تارقىتىش، ئوبوروت قىلىشنى باشقۇرۇش، دۆلەت خەزىنىسىنى باشقۇرۇش، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى قوللاش، چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى ۋە تاشقى پېرېۋوتنى باشقۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ