دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى: «چېگرادىن كىرگەندە يانفون تەكشۈرۈش» دېگەن بىمەنە سەپسەتىنى توختىتىش كېرەك
2024.05.29 15:14 مەنبە: خەلق تورى
دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان «دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» ۋە «دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» 2024-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. جەمئىيەتتىكى كەڭ كۆلەمدىكى ساھەلەر بۇ ئىككى قائىدىگە دىققەت قىلىپ ۋە ئىجابىي باھا بېرىپ، «بۇ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى» دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چېگرا سىرتىدىكى جۇڭگوغا قارشى بىر قىسىم دۈشمەن كۈچلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، قارا چاپلاپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، ئاتالمىش «بارلىق كىشىلەر جۇڭگوغا كىرگەندە يانفونىنى تەكشۈرىدۇ» دېگەننى ھەدەپ ئويدۇرۇپ چىقاردى، بۇ ھەقىقەتەن ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك!
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ