شاڭخەي شەھىرى شۈخۇي رايونى ساقچىلىرى: بىر ئەر بالىلارنى سۈرەتكە تارتىش قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ سۈرەت سېتىپ پايدا ئالغان، دېلو ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ
2024.05.29 15:12 مەنبە: خەلق تورى
5-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 23:55 ئۆتكەندە، شاڭخەي شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى شۈخۇي شۆبە ئىدارىسى ساقچى ئىشلىرى ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى: 2024-يىل 5-ئاينىڭ 27-كۈنى بەزىلەرنىڭ توردا قىز بالىنىڭ ھەقىقىي سۈرىتىنى ساتقانلىقى ئىنكاس قىلىنغان، ساقچى تەرەپ دەرھال تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، چېن فامىلىلىكنىڭ (ئەر،27 ياش) ئۆزى ئاچقان سۈرەتكە تارتىش مۇلازىمەت شىركىتىدە بالىلارنى سۈرەتكە تارتىش قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار شەخسلەرنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، تارتقان سۈرەتلەرنى سېتىپ پايدا ئالغان. ھازىر دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ