جۇڭگو گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى گوجۇڭ 27-چېسلا بېيجىڭدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2019-يىلىدىن بۇيان، 50 مىليون يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن ئاھالە شەھەرلەرگە كىرىپ ئولتۇراقلاشتى، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە نوپۇستىكى ئاھالىنىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتى %48.3 كە يەتتى.
شۇ كۈنى گۇڭئەن مىنىستىرلىقى بېيجىڭدا مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بەش يىلدىن بۇيان پۈتۈن مەملىكەتتىكى گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە-ئۈنۈملىرىنى خەۋەرلەندۈردى. لى گوجۇڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە ئىشلىگەن كونكرېت خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇردى.
لى گوجۇڭ مۇنداق دېدى: نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە ئاھالىلەر كىملىك مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش گۇڭئەن مىنىستىرلىقى باشلامچى بولغان بىر تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى، شۇنداقلا يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. گۇڭئەن مىنىستىرلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نوپۇس تۈزۈمى، تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمى، كىملىكنى باشقا جايدا بېجىرىش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
بىرىنچىدىن، نوپۇس يۆتكەش سىياسىتى تەڭشىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. گۇڭئەن مىنىستىرلىقى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە جايلارنىڭ ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، شەھەرگە قاراپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، نوپۇسقا ئېلىش شەرتىنى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىتىشىگە تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، شەرقىي قىسىمدىكى ئايرىم پەۋقۇلئاددە زور شەھەرلەردىن باشقا، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ئايرىم ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرىدىن باشقا رايونلاردا نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىلدى. 2019-يىلىدىن بۇيان، يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن 50 مىليون ئاھالە شەھەرلەرگە كىرىپ ئولتۇراقلاشتى، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىدىكى ئاھالىنىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتى %48.3 كە يەتتى.
ئىككىنچىدىن، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) لەرنىڭ ھەممىسى ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى يولغا قويۇش چارىسىنى يولغا قويۇپ، بەش يىلدىن بۇيان 84 مىليون ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تارقىتىپ، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى ۋاسىتە قىلغان شەھەر-بازار ئاساسىي ئامما مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى.
ئۈچىنچىدىن، يۇقىرى سىجىللىقتىكى نوپۇس ئىشلىرى كەسپىنى «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش» چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا نوپۇس يۆتكەش، تۇنجى قېتىم كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە نوپۇس تەۋەلىكى ئىسپاتى بېرىشتە «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى نوپۇسقا ئېلىشتا «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش»نى يولغا قويۇش دائىرىسى مۇقىم كېڭەيتىلدى. 2024-يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە نوپۇس يۆتكەشتە «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش» كەسپىدىن 3 مىليون 550 مىڭدىن ئارتۇقى، نوپۇس تۈرىدىكى ئىسپاتتىن «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش» كەسپىدىن 1 مىليون 860 مىڭدىن ئارتۇقى بېجىرىلدى؛ كىملىكنى باشقا جايدا بېجىرىش، يىتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ۋە يىتكەن كىملىكنى تېپىپ ئېلىۋېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك تۈزۈم چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 106 مىليون كىملىك باشقا جايدا ئالماشتۇرۇلۇپ ۋە تولۇقلاپ تارقىتىلىپ، ئاممىنىڭ نۇرغۇن كىنىشكا بېجىرىش ۋاقتى ۋە ئىقتىسادىي تەننەرخى تېجەپ قېلىندى.
مەنبە: خەلق تورى