شى جىنپىڭ ۋىيېتنامنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان دۆلەت رەئىسى سۇلىنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024.05.24 15:25 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  5 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سۇلىنغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام تاغ ـ دەريالىرى تۇتاش سوتسىيالىستىك دوست قوشنا دۆلەت. بۇلتۇر مەن ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئورتاق جاكارلاپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقانىدۇق. مەن خۇشاللىق بىلەن شۇنى كۆردۈمكى، ئىككى دۆلەتتىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى جايلار جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە. مەن جۇڭگو ـ ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، يولداش رەئىس بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت ـ سائادەت يارىتىشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ